تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى 3- تەھرىر بۆلۈمى مۇخبىر- مۇھەررىرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل سەمەيقان

  مەن چارۋىچىنىڭ پەرزەنتى، دادام پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، گەرچە مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى باشتىن- ئاخىر ئەستىن چىقارمىدى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى چىڭ «زېرەك ئادەم»، تىلى بىلەن دىلى بىردەك «سەمىمىي ئادەم»، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان «قائىدىلىك ئادەم» بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولدى، تىلى بىلەن دىلى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىدى، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇپ، ئېغىز- بۇرۇن يالاشتى، تەپتارتماستىن ۋەقە پەيدا قىلىدىغان زوراۋان- تېررورچىلارغا سېلىشتۇرغاندا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخىمۇ قۇۋ، تېخىمۇ ھىيلىگەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئۇلار «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ، مەقسىتى رەزىل بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توسالغۇسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاپەت يىلتىزى.

  پارتىيە گېزىتىنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن پارتىيە گېزىتىنىڭ تەشۋىقات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ جامائەت پىكرى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن ۋە ئۇلارغا شۇ ھەقتە تەربىيە بېرىمەن. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل زىممەمگە ئېلىپ، ھەر قېتىملىق تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر بىر پارچە ماقالىنى جىددىي، ئەستايىدىل، ياخشى تەكشۈرۈپ، ھەر بىر خىزمەت تەرتىپى ۋە ھالقىسىنى قاتتىق ئىگىلەيمەن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن، ئۈلگە بولىمەن. ئاشكارا سورۇنلاردا، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلار ئارىسىدا دادىل، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، مەيدانىم ۋە پوزىتسىيەمنى ئېنىق ئىپادىلەيمەن، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەيمەن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقان، دوست بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ