ئادەم تاماق يەۋاتقان ۋاقىتتا نورمال يۈرەك سوقۇشى 8% تىن 10% كىچە تېزلىشىپ، يۈرەك سىقىپ چىقىرىدىغان قان كۆپىيىدۇ، كېڭىيىش بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېيىشتى: تاماق يېگەندە يۈرەكتە بولغان ئۆزگىرىش ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يېسە، يۈرەك رىتىمى، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ۋە ئوكسىگېن سەرپىياتى كۆپىيىپ، يۈرەك سالغاندەك ھالەت پەيدا بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «دائىم تاماقنى تېز ھەم كۆپ يېسە، ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، ھەتتا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئاشىدۇ. تاماقنى تېز يېيىش پەيدا قىلغان يۈرەك سېلىش ئالامىتى تاماق يېيىشنى توختىتىپ بىردەم ئارام ئالسا توختايدۇ، ئەمما كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولمىسا، ھەتتا يۈرەك سانجىقى ئالامىتى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك».
تۇرسۇنئاي يۈسۈپ تەرجىمىسى
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى