10-يانۋار، ئارشەن شەھىرىدىكى ئاق بۆرە بازىرى بۇغا كەنتى
ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئارشەن شەھىرىنىڭ ئورمان رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇغا كەنتىنى قۇرۇپ چىقتى. پاكىز، رەتلىك ئورمان رايونىنىڭ يېزا كەنتلىرى گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئالاھىدە باقمىچىلىق كەسپى بىلەن ھەر يىلى يازدا نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئارشەن شەھىرى چوڭ ھىنگان تېغى باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، 2012-يىلى ئارشەن شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانلاردا دەرەخ كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى، «ئورمانغا تايىنىپ جان بېقىش» تەك كونا يولدا مېڭىۋېرىشكە بولمايتتى. يېقىنقى يىللاردا، ئارشەن شەھىرى كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك ئورمانچىلىق شەھىرى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ساياھەتچىلىك كەسپى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، ئالاھىدە باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ، ئارشەنلىكلەر ئىلگىرىكى دەرەخ كەسكۈچى ئىشچىدىن ئورمان قوغدىغۇچى، باقمىچى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەنچىلەرگە ئايلىنىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.
(شىنخۇا تورى)