تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ ج خ مۇھاپىزەت خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:

  شىنجاڭنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ج خ مۇھاپىزەت خىزمىتى يىغىنى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، دىققەت باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈلدى، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، ئىلغارلار تەقدىرلەندى، بۇ يىللىق ج خ مۇھاپىزەت خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جۇ خەيلۇن مۇنداق كۆرسەتتى: 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇھاپىزەت تارماقلىرى بىر قاتار چوڭ – چوڭ ئامانلىق ساقلاش – قوغداش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەت شىنجاڭ ج خ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە چىدامچان، پەۋقۇلئاددە كۈرەشچان قوشۇن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىدىغان قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت چوقۇم›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت جۈملە سۆز››نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەشكە، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇشقا، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە، قىلچە چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇ خەيلۇن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھاپىزەت تارماقلىرى ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ۋە ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان، ئىنتىزامچان جەڭگىۋار قوشۇننى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ياخشى خىزمەت يۆنىلىشى ۋە ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، جانلىق، قابىلىيەتلىك، جاسارەتلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋر مۇھاپىزەتچى ھەربىيلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پولاتتەك قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەنزە، قوشۇن ۋە نەتىجە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ج خ مۇھاپىزەت خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەر تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ