بەزى ئادەملەر سۇيۇق دورا ئىچكەندە قىرتاق تەمىنى يوقىتىش ئۈچۈن، دورىغا ئازراق شېكەر قوشىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى جۇڭيى تېبابىتىدە ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى دورىنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاچچىق دورىلارنىڭ ھۆللۈكنى ھەيدەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تاتلىق دورىلارنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش رولى بار. ئەگەر دورىغا شېكەر قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ ئەسلىدىكى ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.
دورا بەك قىرتاق بولسا، دورىنىڭ خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن بەزى«تەم تەڭشىگۈچلەر»نى قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورىلارغا، چوڭ چىلان ۋە چۈچۈكبۇيا قوشۇپ ئىچسە، دورىنىڭ قىرتاق تەمى يوقۇلۇپلا قالماي، يەنە دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن دېڭىز يۇسۇنى، سۈتلۈك ئوت، كىرىمدانە قاتارلىقلار بار رېتسېپقا چۈچۈكبۇيا قوشۇشقا بولمايدۇ؛ سوۋۇتۇلغان سۇيۇق دورىلارغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، قىرتاق تەمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، لېكىن ئىچى سۈرگەن ۋە دىيابىت ئاغرىقلىرىغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.
ئەگەر سۇيۇق دورىلارنى ئىچكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا زەنجىۋىل شىرنىسى ئىچىۋەتسە بولىدۇ، يەنە دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمىگەن تۈزۈك.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى