تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

  __ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە

  بۇ، ئىللىق سالام ۋە سەمىمىي غەمخۇرلۇق.

  بۇ، سەمىمىي تاپشۇرۇق ۋە گۈزەل تىلەك.

  2017 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، توختىخان قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا يۇرتداشلارغا بەخت تىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تاپشۇرۇق ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، ئۈمىد ئاقلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر مەقسەتتە​ ئورتاق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى

  توختىخان قۇربان 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يەنە بىر قېتىم ئائىلە يىغىنى ئاچتى. ئائىلە يىغىنىدا ئائىلە ئەزالىرى ئىلگىرىكىدەك ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىقى ۋە مۇھەببىتىنى قانداق قىلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.

  باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى توختىخان قۇرباننىڭ ئۆيىنىڭ مېھمانخانىسىغا رامكىلاپ ئېسىلغانىدى. موماي ھازىرمۇ بۇ خەتنى ئوقۇسا كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ: ‹‹بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز!››. 2017 – يىلى قۇربان تۇلۇمنىڭ جەمەتى ئىچىدە يەنە ئىككىيلەن پارتىيەگە ئىلتىماس سۇندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى››، ‹‹مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆز ئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك››، دەپ كۆرسەتتى.

  باش شۇجى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم  دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش – پائالىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر رىشتە باغلىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.

  باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت ۋە ھەيدەكچى بولدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى شۇنداقلا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قىممەت قارىشى ئىستىكى دەپ قاراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى سەھىپە پۈتتى.

  بۇ بىر يىلدا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، شەكىل جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ ھېسسىياتى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى

  يىل ئاخىرىدا قەشقەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە گىرادۇسقا چۈشتى. 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى مامۇق كەنتى ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا تۇغقانلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقان دېھقانلارغا ھاۋا ئازراقمۇ سوغۇق بىلىنمىدى. دېھقانلار تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىغا كىرىشى بىلەن، قورۇ ئىچى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ياشانغانلار كادىرلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ‹‹بالام›› دېسە، كادىرلارمۇ يېقىملىققىنا ‹‹چوڭ ئانا›› دەپ چاقىراتتى .... بۇ شەھەردىكى تۇغقانلىرىنىڭ نەچچىنچى قېتىم كېلىشى بولسىمۇ، بىراق كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى يەنىلا خۇددى ھېيت – بايرام بولغاندەك خۇشاللىققا تولغانىدى.

  ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا – قىشلاقلاردا بۇنداق كۆرۈنۈشلەر دائىم كۆرۈلىدىغان بولدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار چىن كۆڭلى بىلەن تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى روياپقا چىقاردى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن زىمىستان قىشنى ئىللىتتى، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ھېسسىيات تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى.

  2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 610 مىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچى 18 مىليون 970 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئاممىنى زىيارەت قىلدى، زىيارەت قىلىنغان ئامما 23 مىليون 670 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى؛ 330 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل، 19 مىليون 860 مىڭدىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى؛ داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە 5 مىليون 830 مىڭ قېتىم ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن 12 مىليون 220 مىڭ كىشى نەپكە ئېرىشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، مەكتەپلەر 5 مىليون 420 مىڭ مەيدان (قېتىم) ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  2017 – يىلى 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، بىر ھەپتە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. يۈك – تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقانلىرى نېمە يېسە شۇنى يېدى. بۇ زىمىستان قىشتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆيلىرى تۇغقانلىرى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىللىپ كەتتى.

  بۇ بىر يىلدا ھەممەيلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، ‹‹كىچىك ئىش››لار ئارقىلىق قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىدى

  ‹‹خوتەن لېي فېڭ ئەترىتى››نىڭ ئەزاسى خالمۇرات ئابلىز 2017 – يىلى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خوتەن شەھىرى گۇجانباغ كوچىسى تامباغ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ۋە ياشانغانلارغا: بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتام، ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭلار، تېلېفون قىلغان ھامان ھازىر بولىمەن! دېدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ‹‹خوتەن لېي فېڭ ئەترىتى››نى تەشكىللىگۈچى ئەنۋەر مەڭلىك ھاجەتمەنلەرنى شەخسىي ئاپتوموبىلىدا ھەقسىز توشۇپ، ‹‹شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئامما ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تاغا›› دەپ نام ئالدى. تۈرلۈك مۇكاپات ۋە تەقدىرلەشلەر ئالدىدا، ئەنۋەر مەڭلىك ئاددىيلا قىلىپ: پىكاپىمنى ھەيدەپ كىچىككىنە ئىش قىلدىم خالاس، دېدى.

  ئەنۋەر مەڭلىككە ئوخشاش، ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گېنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ھەممەيلەن ئىشنى ئۆزىدىن، ئاز – ئازدىن، ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن، بىر ئېغىز تاتلىق گەپ قىلىش، دوستلۇق مېھرى بىلەن قاراپ قويۇش، كىچىك ئىشلاردا ياردەم قىلىش...تىن باشلىدى، ھەر بىر ‹‹كىچىك ئىش››تىن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەندى.

  يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل كىرىدۇ. 2017 – يىلى چاغاندا ‹‹قىزىل ئۆكتەبىر›› مەھەللىسىدىكى ئاكىسى مۇختار مەمەتنىڭ تۇنجى بولۇپ چاغانلىق سالام يوللاپ تېلېفون قىلغانلىقى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ‹‹قىزىل ئۆكتەبىر›› مەھەللىسى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىسى چېن ۋېندىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدىن چىقمىدى.

  چېن ۋېندىنىڭ ئېيتىشىچە، سىرتتا تۇرۇۋاتقان مۇختار مەمەت شۇ كۈنى ئىنىسى چېن ۋېندىغا ئەڭ ئاۋۋال تېلېفون بېرىپ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلاپتۇ، يەنە خوتۇنىغا مەززىلىك تاماق ئېتىپ چېن ۋېندىغا ئاپىرىپ بېرىشنى تاپىلاپتۇ. چېن ۋېندى مۇنداق دېدى: ئۇ مەن تاپشۇرۇۋالغان چاغانلىق تۇنجى سوۋغا. ئەينى چاغدا ھاياجان ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ، يەڭگەم ۋە بالىسىنى ئۇزىتىپ قويدۇم، ئۇلار ئۆمۈرلۈك تۇغقانلىرىم، مەيلى قەيەردە بولاي، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.

  ھازىر شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىدى. ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ