شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مىركامىل ئابلىمىت
پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ، لازىمەتلىك، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى كىشىلەر پاكار بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، ھازىر چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى؛ ئىلگىرى كىشىلەر ئېرىگەن قار سۈيى، كۆل سۈيى ئىچەتتى، ھازىر قولايلىق، پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى؛ ئىلگىرىكى چاڭ- توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان توپىلىق يول ھازىر تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى؛ بالىلار ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئامما كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدۇ...
ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خۇشال- خۇرام تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قەستەن سادىر قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز چوقۇم ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تارىخىي بۇرچىمىز ۋە رېئال مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشنىڭ مىللىي مەسىلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان ھايات- ماماتلىق سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، جەزمەن بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
«ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت ئامما ئالدىدا شوئارنى بەك توۋلاپ، قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى «ئۆز ئادىمىمىز» قىياپىتىگە كىرىۋالدى، ئەمما ئاستىرتىن زوراۋان- تېررورچىلارنى قوللىدى، ئۇلارغا يول قويدى، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە مەبلەغ ياردەم قىلدى، قاتناشتى ۋە ئۇنى پىلانلىدى، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولدى، ھەتتا بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر زوراۋان- تېررورچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، تېخىمۇ رەزىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئېغىر زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللىي مۇناپىق، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، تارىخ ئالدىدىكى گۇناھكار، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى بۇزغان باش جىنايەتچى. پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى باشتىن- ئاخىر دادىل زىممەمگە ئېلىپ، كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن.
كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم- پەنگە ھۆرمەت قىلىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشنى يەنىمۇ تەشەببۇس قىلىپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى بازىسىنى قەتئىي ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلىمەن.