تۇرپان ئاخبارات تورى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىل غاپپار
ھازىر شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر. تور تەشۋىقات سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تور تەشۋىقات بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.
سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى كۈچەيتىمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، كۈندىلىك ئۆگىنىش، خىزمەتتە بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرىمەن، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي كۈرەش قىلىپ، خاتا قاراشلارنى تەنقىدلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، پاش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلايمەن، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.
سىياسىي ئىنتىزامغا قەتئىي بويسۇنىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلەرگە قەتئىي بويسۇنۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمدىن قەتئىي تەۋرەنمەيمەن، سىياسىي يۆنىلىشىمدىن قەتئىي ئېغىشمايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغدايمەن.
سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى قايتا- قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەمنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.
سىياسىي مەيدانىمدا مۇستەھكەم تۇرىمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارىغاندا تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاشكارا سورۇنلاردا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «ئۆز ئادىمىمىز» قىياپىتىگە كىرىۋالدى، ئەمما ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ»نى قوللىدى، ئۇلارغا يول قويدى، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالدى، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە مەبلەغ ياردەم قىلدى، قاتناشتى ۋە ئۇنى پىلانلىدى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ۋە قولچوماقچىسى بولدى. مەن بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن.
مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، «قوش تىل»نى پىششىق بىلىشتەك ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىپ، تورئەھلىنى توغرا يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.