يۇقۇچان زۇكام ۋاكسىنىسى ھەممە ئادەمنىڭ ئەملىتىشىگە باب كېلىۋەرمەيدۇ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملەتمىگىنى ياخشى. كونترول قىلىنمىغان يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، بۆرەك زەئىپلىشىش، زىققا قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكى بار ياشانغانلار يۇقۇچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ؛ قىزىش، سانجىق، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر يۇقۇچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ؛ تۇخۇم، تىئومېرسالات، گېنتامىتسىن سۇلفات رېئاكسىيە قىلىدىغانلار، ئىلگىرى پەسىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندە رېئاكسىيە قىلغانلار يۇقۇچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولمايدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەتكەندە چوقۇم بەلگىلەنگەن ئەملەش نۇقتىسى ياكى داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئەملىتىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ ئەملەشكە ھەرگىز بولمايدۇ،چۈنكى ۋاكسىنا ئەكس تەسىر كۆرسەتسە، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغىلى بولمايدۇ.
تۇرسۇنئاي يۈسۈپ تەرجىمىسى
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى