ئەنگلىيە يېقىندا بىر يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ھازىر لوندوندىكى مەلۇم بىر تاشيول بۆلىكىدە سىناق قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولى تاشيولغا ئۇزۇنلۇقى 22 مېتىر كېلىدىغان LED تاختىسىنى ئورناتقانغا باراۋەر بولۇپ، بۇ LED تاختىغا سۇ ئۆتمەيدىكەن ھەمدە ئېغىرلىقنى سېزەلەيدىغان بولۇپ، پىيادىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى پەرق ئېتەلەيدىكەن، قاتناش چىرىقى ۋە پىيادىلەر ئۆتۈشمە يول سىزىقى بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق LEDتاختىسىغا يىغىنچاقلانغانىكەن.
ھېچكىم يولدىن ئۆتمىگەندە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىيادىلەر توغرا يولىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن، ئەگەر پىيادىلەر يول ئېغىزىغا يېقىن كەلگەندە،LED تاختىسى يېنىپ، دەرھال پىيادىلەر ئۆتۈشمە يول سىزىقىنى كۆرسىتىدىكەن. يولدىن ئۆتمەكچى بولغان يولۇچىلار پەقەت يول بويىغا جايلاشقان قىزىل چەمبەرنىڭ ئىچىگە كەلسە، قىزىل چەمبەر يېشىلغا ئۆزگەرگەندە، يولنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئاق رەڭلىك پىيادىلەر توغرا يول سىزىقى پەيدا بولىدىكەن. بۇ چاغدا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدىكەن، بۇ قىزىل چىراغقا باراۋەر بولۇپ، كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار توختاپ، پىيادىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول بېرىدىكەن. كىشىلەر يولدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پىيادىلەر توغرا يول سىزىقى يوقايدىكەن.
ئادەم ئېقىم مىقدارىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا ئاساسەن، پىيادىلەر ئۆتۈشمە يول سىزىقىنىڭ كەڭ-تارلىقىمۇ ئۆزگىرەيدىكەن. مەسىلەن، ئادەم ئاز بولغاندا پىيادىلەر ئۆتۈشمە يول سىزىقى تار، ئادەم كۆپ بولغاندا يول سىزىقى كەڭ بولىدىكەن.