خەلق تورى خەۋىرى: دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان، جۇڭگو ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى ساياھەت بۇيۇملىرى ۋە ساياھەتچىلىك جابدۇقلىرى تارماق جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ساياھەت بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى»نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى يېقىندا خەيكۇدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن «باي قەبىلىسى خۇرجۇنى» مىللىيچە كەشتىلەنگەن سومكىسى، «ئونىك» لىكوپېنى، «گۈللەنگەن شىنجاڭغا مۇھەببەت» لوپنۇر كەندىرى كۈتۈنۈش چېيى قاتارلىق ئۈچ مەھسۇلات جۇڭگو ماركىلىق ساياھەت بۇيۇملىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 200 خىل 2017-يىللىق جۇڭگو ماركىلىق ساياھەت بۇيۇمى تاللاپ چىقىلغان.