يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېغىرلاشسا ياكى يۈرەك مۇسكۇللىرى زەخىملەنسە، قاننى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئىچكى ئەزالارغا قان نورمال يېتىشمەيدۇ، بۇ خىل ھالەت يۈرەك زەئىپلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.
تۆۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى يۈرەك ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ:
1. يېتىشىغىلا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش
2.مەيدىسى ئېغىرلىشىش
3.كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلار كىچىك كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇش
4.ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
5.باش قېيىش ۋە باش چىڭقىلىش
6.ئاسان تەشۋىشلىنىش
7.توختىماي يۆتىلىش
8.ئاسان چارچاش ياكى كۈن بويى ماغدۇرسىزلىنىش .
9.سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، تۆۋەنكى مۈچە ئىشىپ كېتىش
يۈرەك كېسىلى دەپ خاتا قاراش بېرىپ قويىدىغان يەتتە خىل كۆكرەك ئاغرىش
1.مەيدە قايناش
2. مۇسكۇل زورۇقۇش
3.قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى ياللۇغى
4. بەلۋاغسىمان قاپارتما
5. يۈرەك قېپى ياللۇغى
6.ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
7.ئاسان قورقۇش
يۈرەك كېسىلىگە دىققەت قىلىشتا تۆۋەندىكى يەتتە خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىش
1.تاماقخانىلاردا قىلىنغان شورپىلار
2.پەمىدۇر قىيامى
3.قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى
4.ماروژنى
5. مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ
6. مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى
7. ئىسلانغان گۆش ۋە كولباسا