تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق قىلغاندا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ

  بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش-تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %57 كە يېتىدىكەن. بىر تەرەپتىن، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇيقۇسىزلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كىشىلەر تۈنەشكە ئادەتلىنىپ، قىممەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماقتا.

  ئۇيقۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ: ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ چوڭ مېڭىنى قوغداپ، زېھنىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش؛ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پىسخىكا ساغلاملىقىنى قوغداش؛ تېرە گۈزەللەشتۈرۈش.

  قانداق قىلغاندا ياخشى بولغان ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ؟

  ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەتىياز ۋە يازدا كەچ يېتىپ، بالدۇر قوپۇش (ھەر كۈنى 5 سائەتتىن 7 سائەتكىچە ئۇخلاش، كۈزدە بالدۇر يېتىپ، بالدۇر قوپۇش (ھەر كۈنى 7 سائەتتىن 8 سائەتكىچە ئۇخلاش)، قىشتا بالدۇر يېتىپ، كېچىكىپ قوپۇش (ھەر كۈنى 8 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ئۇخلاش).

  ھاۋا ياخشى كۈنلىرى ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ھاۋا ناچار كۈنلىرى ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنى توغرىلاپ، تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيقۇ ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېچە سائەت 0:00 دىن 4:00 كىچە بولغان ۋاقىت ئورگانىزملار ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرغان ۋاقتى، چۈش سائەت 12:00 دىن 1:00 گىچە بولغان ۋاقىت ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ چارچىغان ۋاقتى بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن.

  ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. بەدەن سەل ئىگىلگەن ھالەتتە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىغاندا ئۇيقۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دۈم يېتىشقا ياكى بېشىنى يوتقان ئىچىگە چۆمكەپ يېتىشقا بولمايدىكەن. بولۇپمۇ، ياشانغانلار ئوڭدىسىغا، دۈم ياكى سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا مۇۋاپىق بولمايدىكەن، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش ئەڭ توغرا ئۇخلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈگۈلۈپرەك ياتقاندا يەر مەركىزىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

  يۈرەك سول تەرەپتە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا يۈرەك بېسىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ھەمدە ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنى تازىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى قولنى مەيدىسى ياكى يۈرەك ئەتراپىغا قويۇپ ئۇخلىماسلىق، بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىغان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.

  ئاياللارغا نىسبەتەن، يانچە يېتىش ئوڭدىسىغا ياكى دۈم يېتىشقا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، دۈم ياتقاندا يۈز تېرىسىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قورۇقنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئوڭدىسىغا ياتقاندا ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئاسانلا ھەيزدىن بولىدىغان ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سول تەرىپىنى بېسىپ ياتسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

  ئۇخلاش مۇھىتىغا ئېتىبار بېرىش كېرەك. ھۇجرا بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى، كۆلىمى 20 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولۇشى كېرەك. ھۇجرا ئۆيگە چۈشىدىغان يورۇقلۇق غۇۋا بولۇشى، ئۆي ئىچى تىنچ بولۇشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى چىراغ ياقماسلىق، بەك كۆپ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قويۇپ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، زەنجىر، بىلەيزۈك، ئۈزۈك، قول سائىتى، يالغان چىش ۋە يانفون قاتارلىقلارنى تاقاپ ياكى بىللە قويۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ