تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل يېمەكلىك ـــ مامكاپ

  مامكاپ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېتىز – ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. قارىماققا ئۇ ئاددىي ياۋا ئوت – چۆپ بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە تېپىلغۇسىز ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە مامكاپنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىيتى سوغۇق، زەھەرسىز، قىزىتما ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار بولۇپ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مامكاپنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن. بادام بەز ياللۇغى ۋە ئۆت ياللۇغى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن. ياپونىيەلىكلەر مامكاپتىن پايدىلىنىپ سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش بىلەن بىللە، يەنە مامكاپ يېمەكلىكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا؛ گېرمانىيەلىكلەر مامكاپنىڭ يىلتىزىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن قەھۋە ئورنىدا ئىچىشنى تەتقىق قىلماقتا.

  مامكاپنىڭ پۈتۈن جىسمى گۆھەر بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B1نىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى مول. بۇلارنىڭ ئىچىدە يوپۇرمىقىدا ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا 59.2 مىللىيگىرامغا يېتىدۇ؛ غۇنچىسىدا ۋىتامىن B2نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا 1.8 مىللىيگىرامغا يېتىدۇ. مامكاپتا 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، γ ئامىنو بۇتىرىك كىسلاتا ئادەمنىڭ مېڭە مېتابولىزمىدا مۇھىم رول ئويناپ ئاتسېتىل خولىننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مامكاپتا يەنە كالىي، كالتسىي، تۆمۈر، سىنك ۋە مانگان قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار. مامكاپنىڭ يىلتىزىدا كالىي بىلەن ناترىينىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

  مامكاپنى قانداق ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ؟ مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىنى خام يېيىشكىمۇ، يىلتىزىنى بىۋاسىتە پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن قەھۋە ئورنىدا ئىچىشكىمۇ بولىدۇ؛ گۈلىدىن ھاراق ئىشلەشكە بولىدۇ. خام يېيىشتە مامكاپنىڭ يۇمران غولى ۋە يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ قىيام قىلىۋالىمىز، ئۇنىڭ تەمى سەل ئاچچىق بولۇپ يېيىشلىك بولىدۇ. سوغۇق يېيىشتە پاكىز يۇيۇلغان مامكاپنى قايناقسۇغا بىر ئىككى مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز. ئاندىن مۇچ يېغى، تېتىتقۇ، تۇز، كۈنجۈت يېغى، سىركە، سامساق قىيمىسى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ. مامكاپنىڭ پاكىز يۇيۇلغان يۇمران غول ۋە يوپۇرمىقىنى سۇدا چالا پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇششاق توغراپ، دورا – دەرمەكلەر بىلەن تەڭشىگەندىن كېيىن قىيما قىلىپ تۈگرە تۈگسە بولىدۇ. مامكاپنى چوڭ يول ياكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى رايونلىرىدىن يىراق جايلارغا تېرىش ھەم دېھقانچىلىق دورىسى يېڭىلا چېچىلغان ياكى چېچىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ