تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا ھازىرلىنايلى

   − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5- يانۋار» مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  «نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى داۋاملىق قىلىپ، بارلىق جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ھازىرلىنىپ، پارتىيەمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 5- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا ھازىرلىنىشقا قايتا ئاگاھلاندۇردى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلدى. جاراڭلىق سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە بۇرچ ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملىشىگە كۈچلۈك ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك ۋە روھىي مەدەت بولدى.

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ھە- ھۇ بىلەنلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس». پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇرەككەپ جەريان شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى ھەرگىزمۇ ھە- ھۇ بىلەنلا، ئاسانلا ئەمەلگە ئاشقان ئەمەس. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىچكى ۋەزىيەتتە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر، بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەزىلىرى مىسلىسىز بولدى، بەزىلىرى كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغاتتى، بەزىلىرى تەلتۆكۈس بولدى، بەزىلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئۇلار تەستە قولغا كەلگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور سىياسىي جاسارەت ۋە سىياسىي شىجائەت كەتتى، شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاشنى ھەم قەيسەر ئىرادە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىلگىرىلەش يولى تۈپتۈز بولمايدۇ، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشىشقا تولۇق ھازىرلىنىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى ساقلىغاندىلا، «قارلىق تاغ»دىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، «لازىكۇ»نى بويسۇندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرالايمىز.

  مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ۋە كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان كۈرەش ئالدىدا بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز مەڭگۈ ئۆزگەرسە بولمايدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئېنىق تەكىتلەندى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قائىدىنى قايتا- قايتا تەكىتلەشتىكى مەقسىتى پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېگەن نېمە؟ نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن بۇ تۈپ مەسىلىنى ئۇنتۇماي، مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا توخۇ يۈرەكلىك قىلماي، تۈگۈلىۋالماي، كۈرەش داۋامىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، نىشاندىن ئادىشىپ قالماي، سەگەك ھەم قەتئىيلىك بىلەن نىشاننى بويلاپ باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە ئۈندەشتۇر. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ كاپىتالىزم يولىدا ئەمەس، بەلكى سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قۇرۇپ چىققاندا پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگودا ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى تېخىمۇ تولۇق نامايان بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئىنقىلابىي روھ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى تاماملاپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  تارىخ ئىككىلىنىدىغان، بوشاڭ، قورقۇنچاق كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەرگە مەنسۇپ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھازىردىن باشلاپ ئۈچ يىللا ۋاقىت قالدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا ئارانلا 30 نەچچە يىل ۋاقىت قالدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گۈزەل پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس كۆپ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان ئىقتىدار ۋە روھ، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، قۇرۇق ھاۋايى- ھەۋەس، نام- شۆھرەتكە بېرىلمەي، ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلساقلا، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز. ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ماڭساقلا، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، شەرقتىكى تۇنجى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالالايمىز.

  ھازىر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئايدىڭلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «5- يانۋار» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىزچىل يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان ھالەت بىلەن يېڭى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان روھ بىلەن يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتساقلا، «جۇڭگو چوقۇم ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- يانۋار تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ