تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 1- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى تىرىشىپ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسار كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى پېڭشىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، «تۆت مۇلازىمەت»نى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى يادرولۇق ۋەزىپە، «تۆتتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش»نى تۈپ تەلەپ قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي ئىرادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى «ئۈچكە كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرسلىككە كىرگۈزۈشنى ئاساس، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشنى مەركىزىي ھالقا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى، دەرسخانىنى، دەرسلىكنى، تورنى ۋە مەكتەپ ئىدىيە- مەدەنىيەت بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مۇستەھكەم بازا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا باشتىن- ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ