سۇ ئەڭ ساغلام، ئەڭ ئەرزان ھەم ئەڭ ياخشى ئىچىملىك بولۇپ، سۇنى كۆپ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدىگىلى ھەم مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە كۆز تېخىمۇ نۇرلۇق ھەم پارقىراق، تېرە تېخىمۇ سىلىق بولىدۇ. ئەنگلىيە شەرقىي لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا سۇ ئىچىشنىڭ يەنە چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرۇش رولى بارلىقىنى بايقىدى. تەتقىقاتچىلار سۇ تولۇقلاش ئۇسۇلى توغرا بولغاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى.
تەتقىقاتچىلار 34 پىدائىينى تاللاپ ئۇلارنىڭ ئاچ قورساق ھالىتىدىكى ئۇسساش دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن، ئاندىن ئۇلارنى سوئاللارغا جاۋاب بەرگۈزگەن. نەتىجىدە، بەك ئۇسساپ كەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئانچە ئۇسسىمىغانلارنىڭ ئىككىلىنىش قېتىم سانى ۋە سەرپ قىلغان ۋاقتى ئاز، جاۋاب بېرىش سۈرئىتى تېز، توغرىلىق نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى مەلۇم بولغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بەدەنگە سۇ تولۇقلانغان ئەھۋالدا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى %14 ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەم يېتەرلىك سۇ ئىچكەندىن كېيىن چوڭ مېڭە سۇسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتماي، ئىشلەش سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن، ئىنكاسى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى