خەلق تورى بېيجىڭ، 3-يانۋار تېلېگراممىسى: پەن -تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، فىنلاندىيە VTT دۆلەت تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى ئېلېكتىرون بۇلغىمىلىرىنى ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ تېخنىكا ئېلېكتىرون بۇلغىمىلىرى تەركىبىدىن مېتال، ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار ۋە توك تارقىتىشقا ياكى سۇلياۋ ئىشلەپچىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئورگانىك تەركىبلەرنى يىغىۋالىدىكەن.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ ئاساسي مەقسىتى سانائەت ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنى قۇرۇش بولۇپ، بۇ تېخنىكا ئېلېكتىرون بۇلغىمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئېلېكتىرون بۇلغىما تەركىبىدىكى مېتال ۋە قىممىتى بار ماتېرىياللارنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن پايدىلىنىدىكەن.