كىشىلەر قىزىپ قالغاندا، پېشانىگە مۇز خالتىسى قويۇپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئىسپىرت سۈرۈش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قىزىتما قايتۇرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇل بەزىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن: سوزۇلما بوغۇم ياللۇغى، تاشقى سوقۇلۇشتىن پەيدا بولغان زەخىم يىرىڭلاشتىن پەيدا بولغان قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ؛ توقۇلمىلار زەخمىلەنگەن، يېرىلىپ ئىششىغان ئاغرىقلار مۇز خالتىسى ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرسا بولمايدۇ، بولمىسا سوغۇق تەسىرىدىن قان راۋان ئايلىنالماي، توقۇلمىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ، يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە تەسىر قىلىدۇ؛ قاناش مەنبەلىك ئەسۋە چىققانلار ۋە تېرە ئاستى قاناش مەنبەلىك تېرە كېسىلى بارلار ئىسپىرت سۈرۈش ئارقىلىق قىزىتما چۈشۈرسە بولمايدۇ، بولمىسا قاناش ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
ھوشىدىن كېتىدىغان، بىنورمال سېزىم پەيدا بولىدىغان، يېشى چوڭ ھەم بەدىنى ئاجىزلارمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، چۈنكى مۇز خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن، ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، بۇ بىر نەچچە خىل ئاغرىقتا ھەزىم ناچارلىشىش، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ مەخسۇس سېستىرا ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛ قان ئايلىنىش سىستېمىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلارمۇ فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قىزىتما ياندۇرسا بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇق تەسىرىدە قان ئايلىنىش تېخىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
(تۇرسۇنئاي يۈسۈپ تەرجىمىسى)