ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: « نوقۇل ھالدىكى سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئادەتتە قولتۇق ئاغرىشنى پەيدا قىلمايدۇ، قولتۇق ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، بەزىدە كۆمۈرچەك ياللۇغى بولسىمۇ، قولتۇق ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« قولتۇق ئەتراپى ئاغرىغانلار ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قولتۇق لىمفا B تىپلىق رەڭلىك ئۇلترا دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى، كېسەل بولغانلىقى بايقالغان ھامان داۋالىتىشى؛ مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىتامىن تولۇقلىشى؛ تۇرمۇشتا بېسىمنى يېنىكلىتىپ، سۈت بېزىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك».
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى