ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 2-يانۋار كورلا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كورلا شەھىرىنىڭ ساياھەت بازىرى تەرتىپى ياخشى بولغان، ساياھەتتىن كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 11 مىڭ، بۇنىڭدىن كىرگەن بىۋاسىتە كىرىم 2 مىليون 945 مىڭ يۈەن بولغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %2.82 ۋە %3.78 ئاشقان.
كورلا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىكى خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېڭى يىل مەزگىلىدە شەھەر بويىچە ساياھەتچىلىك بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى چوڭ بولمىغان. قار تېيىلىش مەيدانى ئاھالىلەرنىڭ قىش پەسلىدە ساياھەتكە چىقىشتىكى يېڭى تاللىشى بولغان، بىر قىسىم دېھقانلار شادلىقى سەيلىگاھلىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىش پەسلىدە تىجارەت باشلاپ، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.