تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى 2017 – يىلى 8 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ بىڭتۈەن دېيىلدى) مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم نازارەت قىلىش پىكرى شەكىللەندۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەنگە قايتما ئىنكاس قىلدى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىدا نازارەت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي چىڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق قارىدى: 2013 – يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 –قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەن پارتكومى، بىڭتۈەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەم مۇھىت ئاسراشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپتۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈشنى قەتئىي چەكلەشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەن قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈشنى قەتئىي چەكلەشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەپ، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلۇۋاتقان 2 مىليون 800 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى توختىتىپتۇ؛ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ‹‹بىر قوللۇق›› تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بارلىق ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى يۇقىرىغا يىغىپ، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەستىقلاشنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى تەرتىپلىك ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ؛ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى ۋە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش مۇھىت ئاسراش نىزامى قاتارلىق نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپتۇ. قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى، ئارىلىق رايونىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ ھەم جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپتۇ. شىنجاڭ بىڭتۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، 1 – شىدا ئارال، 3 – شىدا تۇمشۇق قاتارلىق بىر تۈركۈم گۈزەل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېڭى شەھەرلىرىنى بەرپا قىپتۇ؛ قېلىن يالتىراق يوپۇق ۋە يالتىراق يوپۇق قالدۇقلىرىنى يىغىۋېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئاق بۇلغىمىنى تىرىشىپ ئازايتىپتۇ.

  شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ بىڭتۈەن ‹‹تاغلىق رايوننى كۆكەرتىش، چۆلنى تۇراقلاشتۇرۇش، بوستانلىقنى ياخشىلاش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تەبئىي ئورماننى قوغداش، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ. مۇھىت ئاسراشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 2013 – يىلىدىن بۇيان 50 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ‹‹كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى تەبىئىي گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش››نى يادرو قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، بازارلاردا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىدىن 25نى يېڭىدىن قۇرۇپ، كۈندىلىك پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى 707 مىڭ توننا ئاشۇرۇپتۇ. تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا قىنىنىڭ ئۇدا 30 يىل قۇرۇپ كېتىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپتۇ، تېتىما كۆلىنىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك سۇ يۈزى ۋە سۇلۇق يېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ يېشىل كارىدورىغا قايتا ھاياتىي كۈچ قوشۇپتۇ. ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى، ئېمىل دەرياسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئۈچ دەريانىڭ سۇ سۈپىتىنى ئۇزاق يىل سىجىل ياخشى ساقلاپتۇ.

  شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ بىڭتۈەن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما پاش قىلغان مۇھىت ئاسراشقا دائىر دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلغان. 2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئامما پاش قىلغان 2905 پارچە دېلونىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېجىرىلىپ بولۇنغان، 2182 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 548 كارخانا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، جەرىمانە سوممىسى 68 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بىر پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەنگەن، 25 كىشى توختىتىپ قويۇلغان، 163 كىشى سۆزلىشىشكە چاقىرتىلغان، 1613 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىڭتۈەننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت خېتى 583 پارچە بولۇپ، 457 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 79 كارخانا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، بىر كىشى توختىتىپ قويۇلغان، ئون كىشى سۆزلىشىشكە چاقىرتىلغان، 628 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشقا زىيادە تايىنىۋېلىپ، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش جەھەتتە قىسمەن مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان، مۇھىت ئاسراش سالمىقى ۋە ئۈنۈمى بىلەن مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار. ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، خىزمەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس. بەزى جايلار ۋە تارماقلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداشقا سەل قاراش ئېڭى تولۇق ئۆزگەرگىنى يوق، ئۇلار شىنجاڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان رايون، كۆمۈر، نېفىت، قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش چوڭ يۆنىلىش، مۇھىت ئاسراشنى زىيادە تەكىتلەش ئانچە ئەمەلىي ئەمەس، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى يولداشلار شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، ئادىمى ئاز، چۆل ۋە قۇملۇق كۆپ، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى چوڭ، مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يامان ئەمەس، ئازراق بۇلغىنىش ئاسان گەۋدىلەنمەيدۇ ھەم چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. دەل يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىلىرى بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تەلەپ قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش جەھەتتە، دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە شاللىۋېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋاقتىدا شاللىۋېتىلمىگەن؛ دۆلەتنىڭ ئاتموسفېرا ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە تەلەپنى كەڭ قويۇۋېتىش، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بولۇپمۇ، بەزى تارماقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىلىرى مەۋجۇت. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرىغا ئەينەن يوللىماي، ئېلېكتىرولىزلىق ئاليۇمىننى ئېنىقلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرمەي، شىنجاڭ ‹‹شەرق ئۈمىدى›› رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ 800 مىڭ توننا ۋە شىنجاڭ ‹‹جيارۈن›› بايلىق پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ 200 مىڭ توننا ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى يىلغا يېقىن ئىشلەپچىقىرىشغا سەۋەب بولغان؛ زېمىن بايلىقى نازارىتى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا كان ئېچىش ھوقۇقىنى زور مىقداردا تەستىقلىغان ياكى ئۇزارتقان، 2014 – يىلى 12 – ئايدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرپان ‹‹جىنيۈەن›› كانچىلىق – مېتاللورگىيە شىركىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، مىس كان ھوقۇقىنى ئۇزارتىپ بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر كان ئورىكى شەكىللىنىپ، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. سۇچىلىق نازارىتى 2016 – يىللىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، باھالاش خىزمىتىدە ئېغىردىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن.

  ئىككىنچى، قىسمەن رايونلاردا ئاتموسفېرا ۋە سۇ مۇھىتى مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016 – يىللىق ئىسسىنىش مەزگىلىدە سۈمۈرۈلمە دانچىلار، ئۇششاق دانچىلار، ئازوت ئوكسىدىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2014 – يىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان. پۈتكۈل شەھەر رايونىدا كۆمۈر قالايدىغان كىچىك پار قازانلارنىڭ بۇلغىشى ئېغىر بولغان، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى ۋە بۇلاقتاغ رايونىدا ‹‹تارقاق، قالايمىقان، كۆپ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان›› كارخانىلارنى تاقاش، توختىتىش، تەرتىپكە سېلىش ئۈزۈل – كېسىل بولمىغان. ئۈرۈمچى ‹‹خېدۇڭ ۋىيلىيا›› سۇچىلىق چەكلىك شىركىتى ھازىرغىچە فوسفورسىزلاندۇرۇش، ئازوتسىزلاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرمىغان بولۇپ، كۈندە 100 مىڭ توننىغا يېقىن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن پاسكىنا سۇنى لاۋلۇڭخې دەرياسىغا قويۇپ بەرگەن. مىچۈەن – كۆكتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شىنجاڭ ‹‹جۇڭدې فېڭچۈەن›› پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش چەكلىك شىركىتى، ‹‹خېدۇڭ ۋېيلىيا›› سۇچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىل پاسكىنا سۇنى بېيشاۋو رايونىغا قويۇپ بېرىشىگە قوشۇلغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت ئورمىنىنى ئىگىلىۋېلىپ ۋە ئۇنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، مۇھىتنى بۇلغىغان ۋە يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلغان. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرى پار قازاننىڭ ئالاھىدە قويۇپ بېرىش چەكلىمە قىممىتىگە دائىر تەلەپنى جايىدا ئىجرا قىلمىغان، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان، 2016 – يىللىق ئىسسىنىش مەزگىلىدە، سانجى، فۇكاڭ شەھەرلىرىدە سۈمۈرۈلمە دانىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2014 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان.

  قاراماي شەھىرىدىكى ئەيرىك كۆلى ئاپتونوم رايون 2015 – يىلى تەستىقلىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىناق نۇقتا كۆلى ئىدى، ئەمما سىناق نۇقتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى تۈزەش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغاندىن كېيىن، سۇ ئاستىدىكى لاي – لاتقىنى ئادالاش، قاشالاپ مال بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق توققۇز تۈرگە ھازىرغىچە مەبلەغ چۈشمىگەن بولۇپ، سۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. كۆلگە قويۇلىدىغان سۇ بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن ئەھۋالدا، كۆل سۈيىنىڭ سۈپىتى 2014 – يىلىدىكى V تۈردىن 2016 – يىلىدىكى ناچار V تۈرگە چۈشۈپ قالغان. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باغراش كۆلى دۆلەتنىڭ ياخشى كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەمما ئالاقىدار تۈزەش تۈرىنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، باغراش ناھىيەسى، داخېكۇ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىش ياكى نورمال يۈرۈشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆل سۈيى سۈپىتى كۆزلىگەن تۈزەش نىشانىغا يەتمىگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەيۋوپۇ كۆلى ئەتراپىدا يەر ئاستى سۈيى ئۇزاق مۇددەت نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىنىپ، كۆل سۈيىنى تولۇقلاشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، كۆل كۆلىمىنىڭ زور دەرىجىدە كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ئۈچىنچى، بەزى جايلاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان. 2013 – يىلىدىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى پاي قوشقان ‹‹بوئەيفېڭ›› بىيولوگىيەلىك ياسالمىلار شىركىتى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئېبنۇر كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىدا ئۆستەڭ چېپىپ، ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇتقان ھەم پايدىغا ئېرىشكەن؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ‹‹بوئەيفېڭ›› بىيولوگىيەلىك ياسالمىلار شىركىتىگە تۇتۇش ئىجازەتنامىسى بېرىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش قوشۇلما قىممەت ھەققى ئالغان. كان مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش ئارقىدا قالغان، ئاپتونوم رايون بويىچە تاقالغان كان ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك تاقىۋېتىلگەن كىچىك كۆمۈركان، قۇم – شېغىل، سېغىز كېنى قاتارلىق كانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش كۆلىمى 2165 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ھازىرغىچە تۈزەش كۆلىمىنىڭ %3.77ىلا ئورۇندالغان. تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول، سانجى ئوبلاستىنىڭ ليۇخۇاڭگۇ قاتارلىق جايلىرىدا قالايمىقان قېزىش – كولاش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ناھايىتى قىس، لېكىن دۆلەتنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىشنى چەكلەش، ئۇنىڭغا چەك قويۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى 2016 – يىلى 2 – ئايدا يەر ئاستى سۈيى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە ئېلىنغان رايون، دەپ بېكىتىلگەن، بىراق، 2017 – يىلى 7 – ئايغىچە، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدا يەنىلا 91 سانائەت كارخانىسىنىڭ 149 قۇدۇقىدىن يەر ئاستى سۈيى ئېلىنغان، يەر ئاستى سۈيىنى كۆپ مىقداردا ئېلىش سەۋەبىدىن مەزكۇر رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھەر رايونى 2014 – يىلى 9 – ئايدا يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش چەكلەنگەن رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، بىراق ھازىرغىچە يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، 2016 – يىلى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى 2013 – يىلىدىكىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2.18 مېتىر تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا زور تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.

  تۆتىنچى، بەزى جايلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنمىغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىچۈەن – كۆكتاغ خىمىيە سانائىتى رايونىدىكى 19 پولات – تۆمۈر قۇيمىچىلىق كارخانىسى ئىچىدىكى 11ىنىڭ مۇھىت ئاسراش رەسمىيىتى، تۆتىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەسى يوق. سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى تىيانشان سانائەت رايونى ھازىرغىچە تەلەپ بويىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرمىغان بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان سانائەت رايونىدىكى نۇرغۇن كارخانا پاسكىنا سۇنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سانائەت رايونى سىرتىدىكى ئەۋرەزگە قويۇپ بەرگەن. ئۇلانباي ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق يەر ئۈستى ئىچىدىغان سۇ مەنبە رايونى، لېكىن 2013 – يىلىدىن بۇيان، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەم تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شەھەر – يېزا پىلانلاش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مۇشۇ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغداش رايونىدىن ئورۇن تاللاپ ئۇلانباي پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇشنى ھەم زاۋۇت ئىچىدە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشنى تەستىقلاپ، سۇ مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ بىڭتۈەندىكى بەزى شى، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس، باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشمىگەن بولۇپ، قىسمەن رايونلاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولغان. بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىلى قارا ھەرە تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى كۆمۈر كاننى 2016 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن؛ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش خىزمىتى كۈچلۈك بولمىغان، قومۇل ‹‹يىلې›› كوكسلاشتۇرۇش شىركىتىنىڭ يىلىغا 50 مىڭ توننا ياغاچ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى قۇرۇلمىسى 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەلەپ بويىچە شاللىنىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىرغىچە شاللانمىغان؛ زېمىن بايلىقى ، ساياھەت قاتارلىق تارماقلار 2013 – يىلىدىن كېيىنمۇ يەنىلا تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق تۈرلەرنى تەستىقلىغان؛ ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى كۈندىلىك باشقۇرۇشى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى نازارەت قىلمىغان، توسمىغان.

  قىسمەن رايونلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان. شىخەنزە شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن قۇرغان، بۇنىڭ بىلەن رايون قۇرۇلمىلىق بۇلغىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن. 2014 – يىلىدىن كېيىنمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 36 پار قازاننى يېڭىدىن قۇرغان؛ قىشتا شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەردىكى نۇرغۇن كىچىك پار قازانلارنىڭ بۇلغاش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان. 2016 – يىلى پۈتكۈل شەھەر ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى 2015 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 تۆۋەن بولغان، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇششاق دانچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30 ئاشقان. ئوتونكوزا شەھىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورى، ئېلېكتىرولىزلىق ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، كۆمۈر سەرپىياتى سىجىل ئاشقان. 2016 – يىلى پۈتكۈل شەھەر ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى 2015 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.4 تۆۋەنلىگەن، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇششاق دانچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2016 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.5 ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، شىخەنزە شەھىرىنىڭ تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى ۋە سانائەت كېرەكسىز سۈيى ئاساسلىقى موگۇخۇ سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدىغان بولۇپ، لېكىن، شىخەنزە شەھىرى 2015 – يىلى پىلانلىغان شەھەرلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋە تازىلانما سۇدىن قايتا پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى مۇھىتنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىشنىڭ ئالدىدىلا باشلانغان؛ شەھەرنىڭ پاسكىنا سۇ يىغىش تۇرۇبا تورى مۇكەممەل ئەمەس، ھەر كۈنى تەخمىنەن 60 مىڭ توننا تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى بىر تەرەپ قىلىنمايلا بىۋاسىتە قويۇۋېتىلىپ، مۇھىتنى بۇلغىماقتا؛ شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر رايونىدىكى تازىلانما سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلمىغان بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 4000 توننا سانائەت كېرەكسىز سۈيى سۇ ئامبىرىغا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلگەن. ئالاقىدار تۈزەش خىزمىتى ئاستا بولغاچقا، موگۇخۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ سۈپىتى 2013 – يىلىدىن بۇيان سىجىل ناچار V دەرىجىلىك بولۇپ كەلگەن.

  بەزى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ئۇزاققىچە ھەل قىلىنمىغان. شىنجاڭ بىڭتۈەندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇش، ئېچىش مەسىلىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان، كۈيتۈن دەرياسى ۋادىسى سۇلۇق يېرى ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا 17 سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان؛ يۇڭئەنبا سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك ساياھەت رايونى يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك سۇلۇق يەر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا پىرىستان، ياغاچ ئاسما يول قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلغان. پاختا بوتقىسى ۋە سۈنئىي تالا ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت كارخانا بۇلغىما ئامبىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنى تەلەپ بويىچە قانات يايدۇرمىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئارال شەھىرى ‹‹فۇلىدا›› تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشتىن چىققان كېرەكسىز سۇنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بۇلغىما ئامبىرىغا قويۇپ بېرىپ، ئەتراپنىڭ مۇھىتىنى بۇلغىغان.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىت ئاسراشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. جاۋابكارلىقنى قانۇن – نىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈشكە بۇيرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىرمۇ بىر ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەن ‹‹مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››دىكى تەلەپ بويىچە، ئايرىم – ئايرىم مۇھاكىمە قىلىپ تۈزەش لايىھەسى تۈزۈپ، 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە گوۋۇيۈەنگە يوللىشى كېرەك. تۈزەش لايىھەسى ۋە تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىردە، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ كۆرسىتىلىپتۇ، تۈزەش تەلىپى ۋە پىكىر – تەكلىپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئورۇنلۇق، مەسىلىلەر دەل كۆرسىتىلگەن، ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە پىكىر بوپتۇ، بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر بويىچە تۈزەشنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى قىلىشتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆزى كۈچەپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزى تۇتۇپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغىچە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگىچە، دەل جايىدا تۈزىمىگىچە، ئامما رازى بولمىغىچە قەتئىي بولدى قىلماسلىقى كېرەك. مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر بىلەن ‹‹جەدۋەل››، ‹‹ئۆلچەم››، ‹‹مەلۇمات››نى سېلىشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى تەقسىم قىلىپ، مەشغۇلات خاتىرىسى تۇتۇپ، تۈزەش نىشانى، تۈزەش مۆھلىتى، تۈزەش تەلىپى، تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشقا، ھەربىر تەكلىپ – پىكىرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى بىرمۇ بىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا، ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشقا، قېپقالغان رايون، بۇلۇڭ – پۇچقاق بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە ئېڭىنى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا تىرىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە قانائەتلىنەرلىك ئېكولوگىيە جاۋابى قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى يەنە بايقالغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا رەتلەپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ بىڭتۈەن پارتكومى، بىڭتۈەننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ