شىنجاڭ تورى خەۋىرى: « 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۈنى يۈرۈشلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى( ئۈرۈمچى بېكىتى)»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 1-يانۋار قىزىلتاغ زال سىرتى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئۆتكۈزۈلدى . ئۈرۈمچىدىكى 400دىن ئارتۇق قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى ئەركىن سۇ ئۈزۈش، كېپىنەكچىلەپ سۇ ئۈزۈش، سۇ مەشرىپى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇندىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە قىشلىق سۇ ئۈزۈشكە ئەزا بولغانلار 1500دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 25تىن 80 گىچە ئىكەن، يىل بويى قىشلىق سۇ ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەزا 800دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 200 دىن كۆپرەك ئايال بار ئىكەن.
ئۈرۈمچىدە قەھرىتان قىشتا «سۇ مەشرىپى» قىزىپ كەتتى
مۇھەررىر :
ئايگۈل ئابدۇللا
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/01/03 16:31
سۇ ئۈزگۈچىلەر 1-يانۋار سۇدا مەشرەپكە چۈشمەكتە.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.