ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: يېڭىدىن كۆپەيگەن 142 مىڭ 346 ئاپتوموبىلدىن ئېلىنىدىغان 192 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلدى. 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كېمەيتىش نىسبىتىنى تەڭشەش كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىدى.
دۆلەتلىك باش باج ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 1-يانۋاردىن باشلاپ ئەسلىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش سىياسىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، %10 بويىچە باج ئېلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش ئەمدى تارىخقا ئايلانغان.
بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى بېجىرگەن موتورلۇق ئاپتوموبىل يېڭى كەسپىنى بېجىرىش بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان بولۇپ، 2 مىليارد 2 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى يىغىلغان. بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.66 ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017-يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاپتوموبىلنىڭ سانى 142 مىڭ 346 گە يېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىلنىڭ سانى 70 مىڭ 938 گە يەتكەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، سېتىۋېلىنغان بارلىق ئاپتوموبىلنىڭ %49.76 ىنى ئىگىلىگەن.
ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى 2015-يىلى 10-ئاي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركىزى شەھەردە 152 مىڭ 44 ئاپتوموبىل ئېتىبار سىياسىتىگە ماس كېلىپ، 512 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلگەن.