ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ توقسۇ بازىرى شىمالىي شەھەر مەھەللىسىدىكى 140 ئارتۇق ئەمگەكچى 2017 – يىلى كۈزدىن باشلاپ پاختا تېرىپ، 783 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، توقسۇ بازىرىنىڭ شىمالىي شەھەر مەھەللىسى ئاھالە كومېتىتى 140 ئارتۇق ئەمگەكچىنى قوشنا يېزا – بازارلارغا كوللېكتىپ پاختا تېرىشقا تەشكىللىدى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇلار 356 توننا پاختا تېرىپ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 5500 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.
بۇ مەھەللىدىكى سەمەت ئوسمان ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئۆزىمىز سىرتقا ئىشلىگىلى بارساق مۇقىم ئىش تاپالمايتتۇق، ھازىر ھۆكۈمەت بىزنى تەشكىللىك ھالدا پاختا تېرىشقا ئاپىرىپ، بىزگە پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلايمەن.