بالىلاردا بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشدىكى سەۋەب
زۇكام : سىرتقى ھاۋانىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكى ياكى يارىلانغان سەۋەبىدىن بۇرۇن سىرتقى يۈز شىللىق پەردىسى ئىششىپ قېلىپ، ئىچكى ئاجراتمىلار كۆپلەپ بارىدۇ، بۇ چاغدا بۇرۇن بوشلۇقى ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ .
تۈز يېتىش: تىك ئولتۇرغاندا، ئاجرالمىلار بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئېقىپ چىقىپ، ماڭقىنى پەيدا قىلىدۇ، ياتقاندا بولسا ئاجرالمىلار يېغىلىپ كېكىردەكنى ھەتتا بوغۇزنى غىدىقلاپ، قىچىشتۇرۇش سەۋەبىدىن بالىلاردا يۆتۈلۈش كۆرۈلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبدىن نۇرغۇن بالىلار كۈندۈزى ياخشى ئۇخلاپ، كەچتە يۆتىلىپ ئۇخلىيالمايدۇ.
سوغۇق تېگىش : ئادەتتە بەدەندىكى قان تومۇر ۋە شىلىمشىق پەردە بولسا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىدۇ، لېكىن بۇرۇن بوشلۇقىدىكى قان تومۇر پەردىسى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىسسىقتىن تارىيىپ، سوغۇقتىن كېڭىيىدۇ. شۇڭا بالىلار سوغۇق ھاۋاغا ئۇچرىغاندا قان تومۇر پەردىسى كېڭىيىپ، ئاجرالمىلار كۆپىيىپ، بۇرۇن ئېتىلىش، ماڭقا ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
بالىلارنىڭ بۇرنى داۋاملىق پۈتۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك
پاختا پەلگۈچنى ئىلمان سۇغا تەگكۈزۈپ، بالىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى نەمدەيمىز، ئاندىن بۇرۇن تۆشۈكى ئىچىگە تەكرار بىرنەچچە قېتىم تەگكۈزۈپ قويساق بولىدۇ.( پەلگۈچنى بۇرۇن ئىچىگە بەك كىرگۈزمەڭ )بۇ ئۇسۇل بۇرۇن تۆشۈكى ئىچىدىكى ئاجرالمىلارنى نەمدەيدۇ. بالىنى كۈچەپ نەپەس ئېلىشقا ئۈندەش ياكى چاچ بىلەن بۇرۇن تۆشۈكىنى غىدىقلىتىپ، چۈشكۈرتسە بۇرۇن ئېچىلىدۇ. پاختا پەلگۈچنى سۇغا بەك چىلىۋەتمەڭ.
بارماق بىلەن بالىنىڭ بۇرنىنى بوش چىمداپ، بۇرۇن ئىككى تەرىپىنى بوش ئۇۋىلاپ قويسىڭىز، ئاجرالما ماددىلار بوشاپ، ئاستا - ئاستا چىقىپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇرۇن ئىچىدىكى ئاجرالما قېتىپ كەتكەن بولسا، پاختا پەلگۈچنى تېرە سىلىقلاش مېيى ياكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، بۇرۇن تۆشۈكىگە بىر ئايلاندۇرۇپ سۈركەپ قويساق بولىدۇ.