تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور نەتىجە دەپ بىلەيلى

  ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018– يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن(1)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  2017 – يىلىدىن 2018 – يىلىغىچە، ۋاقىت ئۆزگەرمەس چىڭ تۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى ـــ كوممۇنىستلارنىڭ ۋاقتى ئىچىدە، خەلق ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەت، تېخىمۇ مۇھىمى، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتىكى مەڭگۈلۈك كوردىنات.

  ‹‹مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي كۈچىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن››، ‹‹مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ››، ‹‹بەخت تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ››، ‹‹تاغ – دەريالاردىن ھالقىش››، ‹‹ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش››، ‹‹شەكىلۋازلىق ۋە تەرسالىق قىلماسلىق››، ‹‹خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىش››... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى شەرەپ ۋە ئارزۇ، ئىشەنچ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، غەمخورلۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە گۇۋاھ بولدى. جاراڭلىق ۋە كۈچلۈك ئىبارە بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەر مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قايناق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى.

  ‹‹خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىش››، بۇ ئۇيۇلتاشتەك چىڭ ئىشەنچ، تېخىمۇ مۇھىمى، قەتئىي، كۈچلۈك ھەرىكەت. بىر مىنۇتتا 20 نەچچە ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلماقتا، نۇرغۇن نامرات ئامما گۆش يېيەلمەسلىكتىن ئالاقە تورى ئىشلىتەلەيدىغان، خىش قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولدى؛ بىر كۈندە 40 مىڭدىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيمەكتە، نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يول تاپتى؛ بەش يىلدا پۈتۈن ئەنگلىيە ئاھالىسىگە تەڭ كېلىدىغان ئاھالە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، نۇرغۇن كىشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىنى قامداپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى... ئاددىي كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېڭى دەۋردە مېھىر – مۇھەببەتلىك ئىزلارنى قالدۇردى، ‹‹خەلق مەركەز قىلىنغان›› تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوچۇق جاكارلاش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ دۆلەت داھىيسى بولۇش سۈپىتىدە خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹‹جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەيدىغان›› بۇرچى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.

  جۇڭگودا ئەڭ ياخشى خەلق بار، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى دۇنيادىكىلەر ‹‹ئىشچانلار ئىنقىلابى›› دەپ ئاتىدى، مىليونلىغان خەلق ئىشچانلىقى، باتۇرلۇقى، پاراسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىنى قۇرۇپ چىقتى. يېڭى بىر يىلدا، خەلقنىڭ يەنە باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشى بار، ياشلار يەنە ئۆي باھاسى، مال باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئاتا – ئانىلار يەنە بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئىشلەمچىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىققا، تېخىمۇ كاپالەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، قىيىنچىلىقى بار ئامما تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولۇشىنى، تېخىمۇ ئۈمىدكە تولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ‹‹خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دەپ بىلىش›› بىزدىن پۈتۈن خەلقنى قېرىندىشىم دەيدىغان قەلبكە ئىگە بولۇپ، ھەرۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى، خەلقنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقى، دەپ بىلىشنى، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭرى سەھنىسىنى يارىتىپ، ئارزۇسىغا يېتىش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ــ خەلققە بەخت يارىتىش؛ خەلققە بەخت يارىتىش ــ بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ‹‹بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي›› ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىش ـــ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىدا تۇنجى قېتىم ئېغىر نامراتلىق ھادىسىسىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش بولۇپ قالغۇسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈچ يىللا قالدى، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ‹‹مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان ئاددىي كىشىلەر ئەڭ ئۇلۇغ››، خەلقنىڭ كۈچى ئۇرغۇتۇلسا، بۇ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغ كۈچكە ئايلىنىدۇ. بىز ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹خەلقنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش››تىن ئىبارەت مۇھىم نىشاننى ئىگىلەپ، ماھىرلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى باشلاپ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە تاماملىيالايمىز.

  قانچىلىك ئۇزاق يوللارنى باسقان بولۇشىمىزدىن، قانچىلىك يىراق كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ‹‹خەلق›› مەڭگۈ ئاچقۇچلۇق سۆزىمىز. ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ خەلقتە، ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش خەلقتە، ئەڭ ئەمەلىي نەتىجە خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ، بىزنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان›› پارتىيەمىز چوقۇم خەلق تۇرمۇشىنىڭ تەسىرلىك ‹‹جۇڭگو ھېكايىسى››نى يېڭى يىللار ھالقىسىغا نەقىشلەيدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2017 – يىلى، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ