تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆزگىچە «ئائىلە يىغىنى»

   شياچىڭ، لى لى

      2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ، كورلا شەھىرىنىڭ چارىباغ يېزىسى ئۈستۈن قوشباغ كەنتى 2 – گۇرۇپپىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى نىياز ئابدۇلنىڭ ئۆيى ئىللىقلىققا تولغانىدى،  نىياز ئابدۇلنىڭ 61 ياشلىق خوتۇنى تۇنساخان مەمەت ئۆيىنى پاكىز سەرەمجانلاشتۇرغان بولۇپ، شىرەگە قىزىق دەملەنگەن چاي قويۇلغانىدى.
      كەچتە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان توققۇز كادىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۆزگىچە ‹‹ئائىلە يىغىنى›› ئاچماقچى بولدى.
     بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نىياز ئابدۇل سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۈچ ئوغلىغا ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق كېلىشنى تاپىلىدى.
     كەچقۇرۇن نىياز ئابدۇلنىڭ تۇغقىنى ۋۇ جيەنشيۇڭ تۇغقانلاشقان بىر قانچە كادىر بىلەن بىللە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە گۆشلەرنى ئېلىپ، نىياز ئابدۇلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
     - ئۆيگە مەرھەمەت مېھمانلار، بۇ نەرسىلەرنى ئەكەلمىسەڭلەرمۇ بولاتتى، كايىپ كېتىپسىلەر،  دېدى نىياز ئابدۇل خۇشال ھالدا تۇغقانلاشقان كادىرلارنى ئۆيىگە باشلاپ.
     -بۈگۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى باشلىغان تۇنجى كۈنىمىز، سىز كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولغاچقا، تۇنجى بولۇپ سىزنى يوقلاپ كەلدۇق، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇمىز بار، بۇ، ‹‹ئائىلە يىغىنى››نىڭ مۇقەددىمىسى بولسۇن،  دېدى ۋۇ جيەنشيۇڭ نىياز ئاكىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
     -خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ تېنى خېلى ساغلام، ئۈچ ئوغلىمىز ھەر كۈنى سىرتتا ئىشلەيدۇ، كەچتە قايتىپ كېلىپ بىز بىلەن بىللە تاماق يەيدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشال – خۇرام جەم بولۇشىمىز ئەڭ چوڭ بەخت،  دېدى نىياز ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ.
     نىياز ئاكىنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇل نىياز قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ ئاكام يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدۇ، ئىككىنچى ئاكام ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئاچىدۇ، مەن ئەشيا ئوبوروتى تىجارىتى قىلىمەن، مېنىڭ ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ...
    -ھەممىڭلارنىڭ ئىش – ئوقىتىڭلار بار ئىكەن، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ، نىياز ئاكا ئۈچ بالىنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇپتۇ،  دېدى ۋۇ جيەنشيۇڭ ماختاپ.
    شۇ كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان كادىرلار يەنە نىياز ئاكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلدى.
    - پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېزىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇڭلارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش جەھەتتە باشلامچى بولۇڭلار،  دېدى ۋۇ جيەنشيۇڭ.
    نىياز ئابدۇلنىڭ چوڭ ئوغلى يۈسۈپ نىياز مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۇرالغۇ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ ھەممىسىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيالايدۇ. ئائىلىمىزدە داداممۇ، مەنمۇ پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز يۇرتداشلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئائىلە، كەنتلەرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگىچە ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشتى، ‹‹ئائىلە يىغىنى›› قىزغىن مۇزاكىرە ئىچىدە داۋاملاشتى.
    ۋۇ جيەنشيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر كۈنى كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، نۆۋەت بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ‹‹ئائىلە يىغىنى›› ئېچىپ، بۇ ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ