1. پىننە بىلەن سىركىدە زىماد تەييارلاپ يۈزىگە چاپسا، يۈزدىكى داغلارنى چۈشۈرىدۇ.
2. يۇمغاقسۈتنى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سوۋۇتۇپ ھەر كۈنى يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە، يۈزدىكى سەپكۈننى چۈشۈرىدۇ.
3. ھۆل يۇمغاقسۈتنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، يۈزگە سۈركەپ بەرسە، بالىلارنىڭ يۈزىدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ.
4. قاينىتىلغان چامغۇر سۈيىدە يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، يۈزدىكى داغلارنى يوقىتىدۇ.
5. چامغۇر ئۇرۇقىنى سوقۇپ مۇۋاپىق مايلار بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يۈزىگە سۈركەپ بەرسە، داغ چۈشۈرىدۇ.
6. بېدە كۆكىنى كۆپرەك يەپ بەرسە،تېرىنى پارقىرىتىدۇ، قورۇقنى يوقىتىدۇ، يۈزنى نۇرلاندۇرىدۇ.
7. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆرۈك مېغىزىنى يۇمشاق يانجىپ تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن تەڭ مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،ئۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، قورۇقنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭدەك يۈزنى ئاقارتىدۇ ۋە سىلىقلاشتۇرىدۇ.
8. ئۆرۈك مېغىزىدىن ئۈچ سەر، تۇزدىن يېرىم قۇشۇق ئېلىپ، سۇدىن ئازراق ئارلاشتۇرۇپ ئۇماچتەك چېلىپ، ھەپتىدە ئىككى - ئۈچ قېتىپ يۈز قىسمىغا سۈرۈپ بەرسە، يۈزدىكى داغنى چۈشۈرىدۇ.
چىراينى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرى
مۇھەررىر :
راھىلە ئېزىز
|
مەنبە:
شىنجاڭ رادىيو تورى
2018/01/02 11:42
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.