يى ۋېيدۇڭ خەۋىرى: باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى بەخت مەھەللىسى ‹‹بويايۈەن›› مەھەللىسىدىكى تۇرسۇن ئەمەتنىڭ ئۆيى 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. كۈدە ئادالاش، قىيما قىلىش، جىلتا ئېچىش... بەخت مەھەللىسىنىڭ كادىرى ليۇ جيەن تۇغقىنى تۇرسۇن ئەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۈگۈر تۈگۈۋاتاتتى...
تۇرسۇن ئەمەت 2017 – يىلى 8 – ئايدا خوتۇنى بىلەن باي ناھىيەسىنىڭ توقسۇن يېزىسى يۇقارقى توقسۇن كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ليۇ جيەن تۇرۇشلۇق مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. تۇرسۇن ئەمەت مۇنداق دېدى: يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ھېچكىمنى تونۇمايتتىم، نۇرغۇن رەسمىيەتلىرىمنى ليۇ جيەن بېجىرىشىپ بەرگەنىدى، ليۇ جيەن يەنە ماڭا نۇرغۇن دوست تونۇشتۇرۇپ قويدى، كېيىن ئىككىمىز تۇغقانلاشتۇق.
تۇرسۇن ئەمەت ليۇ جيەننى ئالدىرىتىپ: ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى، ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىزگە دەرھال تېلېفون قىلىڭ، تۈگۈر تەييار بولۇپ قالدى، دېدى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ليۇ جيەن كۈندۈزى تۇرسۇن ئەمەتنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ، كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئەتتى، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، كەچتە تۇرسۇن ئەمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، تۇرسۇن ئەمەتنىڭ نەۋرىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
تۇرسۇن ئەمەتنىڭ خوتۇنى ئاتىكەم تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ليۇ جيەننىڭ مىجەزى ناھايىتى ياخشى، بىزنى يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دەپ، ھەمىشە ئۆيىمىزگە كېلىپ بىز بىلەن مۇڭدىشىدۇ، نەۋرەمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى، بۇنىڭدا ليۇ جيەننىڭ ئەجرى كۆپ. ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: بىزدەك تۇغقانلارنىڭ بىللە تۇرۇشى تېپىلغۇسىز پۇرسەت، ھازىر ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، مەن ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇغقاندارچىلىقىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى، ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.