تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ

كەڭ قورساقلىق، ئاداۋەت-رەنجىشلەرنى تۈگىتىپ، كىشىلەرنى يېقىنلاشتۇرىدىغان، كۆڭۈللەرگە باھار ئاپتىپىنى باشلايدىغان، مېھىر- مۇھەببەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، رەقىبنى دوستقا ئايلاندۇرىدىغان، ئىناقلىق، شاد-خۇراملىق ئاتا قىلىدىغان ئېسىل خىسلەت.
 ھاياتلىق يولى ئەگرى-توقاي بولغاندەك، كىشىلىك مۇناسىۋەت نازۇك ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ. ئادەم ياشاش جەريانىدا ھەر ۋاقىت ئوڭۇشسىزلىققا، كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە، ئالاقە، ئېلىم- بېرىم ئىشلىرىدا، گەپ- سۆزدە، بېرىش- كېلىشتە، خىزمەت، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئۇقۇشماسلىق، سۈركىلىش، ئىختىلاپ، رەنجىشلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئاداۋەت، زىددىيەت، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سوغۇققان، سالماق، ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولغاندا نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ھەتتا كەڭ قورساقلىقنىڭ سېھرىي كۈچى، مېھرى بىلەن رەقىبلەرمۇ يېقىن دوستلارغا ئايلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز «بىر كۈنلۈك ئاداۋەتتە يۈز يىللىق ئازاب بار» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ئارقىلىق كىشىلەرنى ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولۇشقا، سىغدۇرغىلى بولىدىغانلىكى ئىشلارنى سىغدۇرۇشقا، ئاداۋەت داغلىرىنى يۇيۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن خۇشال- خۇرام ياشاشقا ئۈندەپ كەلگەن.
 زىددىيەت، سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە پەسەيتىشنىڭ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ نورماللاشتۇرۇشنىڭ، ئاچچىقنى يېڭىپ، غەزەپنى بېسىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى − كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشتۇر. بۇ ئاجىزلىق، ئىلاجىسىزلىق ۋە بوزەك بولغانلىق بولماستىن، بەلكى بىرخىل مۇناسىۋەت سەنئىتى، ئالىيجانابلىق، مەردلىك، ئەخلاق ۋە ھۆرمەت ئىشىكىنى ئېچىش ھېسابلىنىدۇ.
 ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى جەريانىدا ئۆزئارا تالىشىش- سۈركىلىش، بىر- بىرىگە ئازار بېرىپ قويۇش، يەنە قولۇم- قوشنا، ئۇرۇق- تۇغقان، خىزمەتداشلارمۇ بەزىدە ئۇقۇشماسلىق، شەخسىيەتچىلىك، ئىچى تارلىق، مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش، بىر- بىرىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزئارا يول قويۇپ، سالماق بولۇپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغاندا كۆڭۈل ئەينىكىدىكى مۇزنى ئېرىتكىلى، ئارىدىكى ھاڭنى تىندۇرۇپ، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغىلى، يېقىن، دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، مېھىر- مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئىللىق ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ، خۇشال- خۇرام ياشاشنىڭ ئاساسى.
 بىر قىسىم كىشىلەردە ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىك، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. گەپ- سۆزدە ۋە بەزى ئىشلاردا قارشى تەرەپكە يول قويۇشنى خالاپ كەتمەيدۇ. كۆڭلىدىكى ئاچچىق گەپلىرىنى دەۋالمىغىچە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەر- خوتۇنلار، قولۇم-قوشنىلار، ئۇرۇق- تۇغقانلار، خىزمەتداشلار ئارىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ئازغىنا سەۋەنلىك، كىچىككىنە رەنجىش ۋە ئەرزىمەيدىغان ئىشلارنى كۆڭلىگە سىغدۇرالماي، ئەپۇ قىلىشنى، يول قويۇشنى بىلمەي، بىر ئۆمۈر سالام-سەھەت قىلىشماي، گەپلەشمەي ئۆتىدىغانلارمۇ بار.
 مەلۇم بىر يېزىدا مەن تونۇيدىغان كۈندە كۆرۈشمىسە چىداشمايدىغان ئاچا-سىڭىللار بار ئىدى. ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزئارا قۇدىلىشىشقا پۈتۈشۈپتۇ. كېيىن يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشى قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان سىڭلىسى ئەھۋالنى ئاچىسىغا چۈشەندۈرۈپ، قىزىنى ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا بېرىشنى رەت قىپتۇ. بۇنى ئاچىسى توغرا چۈشەنمەي سىڭلىسىدىن رەنجىپ، بىر مۇنچە ئاچچىق گەپلەرنى قىلىپ، زىددىيەت پەيدا قىپتۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاچا- سىڭىللار ئوتتۇرىسىدا بولمىغۇر گەپ- سۆزلەر، غەيۋەت- شىكايەتلەر كۆپىيىپتۇ. «سېنىڭدىن مەن قالامتىم» دەپ قارىغان سىڭلىسىمۇ بوش كەلمەي ئاچىسىنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىناق- ئېجىل بۇ ئاچا- سىڭىللار رەقىبكە ئايلىنىپ، بېرىش- كېلىش قىلمايدىغان، گەپلەشمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
 ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىمۇ بەزى ئاياللار ئېرىنى چۈشەنمەسلىك، يول قويۇش، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆي بۇزۇلۇپ، بالىلار يېتىم بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشى، ئاياللارنىڭ ياتلىق بولۇشى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھاياتلىق قانۇنىيىتى. بۇ قانۇنىيەت بۇزۇلسا تۇرمۇشتا تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان بۇ دۇنيا سوغۇق كۆرۈنىدۇ، مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى نەپرەت ئىگىلەيدۇ.
بولۇپمۇ ئائىلىدە ئاياللارنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەپۇچانلىقى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۆزئارا سۈركىلىش، رەنجىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىدۇ، ئائىلىگە، كىشىلىك مۇناسىۋەت دۇنياسىغا ئىللىقلىق، سۆيۈنۈش، خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەممە خۇشاللىق تاپىدۇ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ