تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتا بايقالغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىتىشنى چىڭ تۇتتى

    ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان، ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەستايىدىل رەتلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان، تېخى بېجىرىلمىگەن نۇقتىلىق مۇھىت مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلغان مەزگىلدە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 34 تۈركۈمدىكى 2877 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئاپتونوم رايون بۇنىڭ 2322 پارچىسىنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆلچەم، تەلىپى بويىچە ئۆز قەرەلىدە بېجىرگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 2322 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدىن ئۇزاق مەزگىل تۈزىتىلىدىغان 41 پارچە نۇقتىلىق ئەرزىيەت خېتىنى رەتلەپ چىقىپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلغان. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 41 نۇقتىلىق ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 15 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 11 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالتە پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىككى پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ بىر پارچىدىن، بىرقانچە ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم بىڭتۈەن بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى ئىككى پارچە ئىكەن.
   ھازىرغىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر لايىھە بويىچە 14 پارچە ئەرزىيەتنى بېجىرىپ بولغان، 27 پارچىسى جىددىي بېجىرىلىۋېتىپتۇ. بېجىرىلىپ بولغان 14 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەتتە پارچە، سانجى شەھىرىنىڭ تۆت پارچە، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر پارچىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە سۇ مۇھىتىغا چېتىلىدىغىنى بەش پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى بەش پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە ئىكەن، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 27 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ ھازىر بېجىرىلىۋاتقانلىرى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەككىز پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئون پارچە، سانجى شەھىرىنىڭ ئىككى پارچە، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ بىر پارچىدىن، ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم بىڭتۈن بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى ئىككى پارچە ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 13 پارچە، سۇ مۇھىتىغا چېتىلىدىغىنى ئۈچ پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى تۆت پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى بىر پارچە، ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشقا چېتىلىدىغىنى بىر پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى تۆت پارچە، باشقىلاردىن بىر پارچە ئىكەن.
   ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋېي جۇڭيۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8 – گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان، ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، بېجىرىلمىگەن مۇھىت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر بىر پارچە ئەرزىيەت خېتىنى جايىدا بېجىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان مۇھىت سۈپىتىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ