تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(1)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى


      يېزا – كەنتلەر گۈللەنمىسە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.
      يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن مەزگىلدىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم تۇتقا››. يېڭىلا ئاياغلاشقان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي پىروگراممىسى، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ مىزانى. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى تولۇق ھەم ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
    ‹‹يېزا ئىگىلىكى ھەممىدىن مۇھىم››. ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار بۇ قېتىمقى مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا تۆۋەندىكى ‹‹سەككىزدە چىڭ تۇرۇش››قا يىغىنچاقلاندى: پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكىنى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەت ئىچى كاپالىتى ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەمىنلەش فاڭجېنىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ يېشىل ئېكولوگىيە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش؛ يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياخشى ئاساس سېلىندى ۋە ئۇنىڭغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
     يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دۇر؛ 2035 – يىلى زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دۇر؛ 2050 – يىلى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دۇر. ھازىر ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە، شۇنداقلا يېزا – كەنتلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شەھەرلەر بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ، يېزا – كەنتلەر بارغانسېرى ئارقىدا قالسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، دېگىلى بولمايدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش  ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى  قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا – كەنتلەرنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.
    يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، قانداق يېزا – كەنت قۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى قانداق قۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي تېما. پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچى بېكىتىلىپ بولدى، بىز بۇ تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، مىليونلىغان دېھقانغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە يېزا – كەنتلەر مۇقەررەر بىر مەيدان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ يېزا – كەنت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىمىز ھەم ئۇنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››نى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالىغان بىرمۇ دۆلەت يوق. بىزنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشىمىزنىڭ ئۆزى پۈتۈن دۇنياغا قوشقان ئەڭ زور تۆھپە.
   يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىش – راۋاجلانماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەللىشىش – گۈزەللەشمەسلىكى، دېھقانلارنىڭ بېيىش – بېيىماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ساپاسى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا بىز مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن يولغا قويىدىغانلا بولساق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى)     
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ