شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى، ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: قېلىن قاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆكتات باھاسى ئەڭ ئاز بولغاندا 0.10 يۈەندىن 2.00 يۈەنگىچە ئۆسكەن.
مۇخبىرنىڭ 28-دېكابىر شىنجاڭ دېڭ خېڭشىڭ كۆكتات تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 28-دېكابىر كۆكتات سودا مىقدارى 3729 توننا بولۇپ، 28-دېكابىردىكى كۆكتات سودا مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، 1000 توننا ئازايغان، ئازايغان كۆكتات ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك كۆكتاتلىرى بولۇپ قالغان.
ئىگىلىنىشىچە، قېلىن قاردىن كېيىن، تۇرپان ۋە كورلا كۆكتات تېرىش بازىسىدىكى دېھقانلار قار تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە بازار تەمىناتى ۋاقتىنچە كەمچىل بولغان. جيۇدىڭ 1-دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرىدا، يۈننەننىڭ يوپۇرماقلىق كۆكتاتلىرى ئاساس قىلىنغان. تەمىنات ئاز بولغاچقا، باھامۇ ئۆسكەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جيۇدىڭ 1-دەرىجىلىك كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا كۈندىلىك سودا مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4300 توننا ئەتراپىدا بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاز بولمىغان تىجارەتچىلەر توپ سېتىش بازىرىغا مال تولۇقلىغىلى كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن 27-دېكابىردىكى كۆكتات سودا مىقدارى ئادەتتىكىدىن 500 توننىدىن ئارتۇق ئاشقان، نۇرغۇن كۆكتات سودىگەرلىرى كۆكتاتلارنى زاپاس تەييارلىۋالغان.