28-دېكابىر ئەتىگەن، ئۇدا ياغقان قاتتىق قاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يوللار راۋان، ھاۋا ئوچۇق بولدى.
ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تەققەززار بولغان قارنى كۈتۈۋالدى.
ئۈرۈمچىدە ئۇدا 10 نەچچە سائەت ياغقان قېلىن قار 28-دېكابىر سەھەر كۈن يورۇشتىن بۇرۇن توختىدى. 1700 قار تازىلاش ئاپتوموبىلى، 25 مىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى 27-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن باشلاپ 28-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 10:00غىچە قار تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ شەھەر رايونىنىڭ يوللىرىدىكى قارلارنى تازىلىدى. يول ياقىسىغا جايلاشقان دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىمۇ بالدۇر تىجارەت باشلاپ ئىشىك ئالدىلىرىدىكى قارلارنى تازىلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.