شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش ئۈچۈن مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى 27-دېكابىر بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان، ئۇقتۇرۇشتا 2018-يىلى 1-يانۋاردىن 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە سېتىلىدىغان ساپ ئېلېكتىرلىك، توكقا چاتىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك، يېقىلغۇ باتارېيەلىكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى نويابىردا 119 مىڭ؛ ئالدىنقى 11 ئايدا 609 مىڭ بولغان. كەسپىي زاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارىنى 700 مىڭغا يەتكۈزۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار 2018-يىلى سېتىلىش مىقدارىنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.