(2016 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
57 – نومۇرلۇق
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:
..........
12.‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
(1) 39 – ماددىسى: ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالغان بولۇشى، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا، تىل ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ۋە ساياھەت كەسپىنى قىلىپ باققان بولۇشى ھەمدە ئۆزىنى ئۆمەك يېتەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن، چېگرا سىرتىغا چىقىپ ساياھەت كەسپىي تىجارىتى قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالغان ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.
(2) 41 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
(3) 96 – ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسى: ‹‹(2) ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالمىغانلارنى ساياھەت يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنى ئۆمەك يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار›› دەپ تۈزىتىلدى.
(4) 98 –، 99 –، 100 –، 101 –، 103 – ماددىلاردىكى ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
(5) 102 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى›› دېگەن سۆز ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك شەرتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ›› دەپ تۈزىتىلدى. 2 –، 3 – تارمىقىدىكى ‹‹ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.