تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

رەقەملىشىش تاللا ئىستېمالىمىزغا يېڭىلىق ئاتا قىلىدۇ

  ‹‹ئادەمسىز قولايلىق دۇكان››لارغا بېرىپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش، ‹‹كىچىكKTV››لارغا بېرىپ ناخشا ئېيتىش ياكى ‹‹تاللا چېنىقىش ئورنى››غا بېرىپ چېنىقىش... بۇ يىلدىن باشلاپ مەركىزىي شەھەرلەردىكى ياش ئىستېمالچىلارغا تونۇلۇشقا باشلىدى. ئادەمسىز ئىقتىساد بازار رىقابىتىنىڭ بىر بۆسۈش ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر خىل ئادەمسىز مەشغۇلات كەسىپلىرىنى كەينى – كەينىدىن بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مۇلازىمەتچىسىز كەسپىي ساھەلەر كەلگۈسىدە كىشىلەرگە تولۇپ تاشقان تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە رەقەملەشكەن يېڭى تۇرمۇش ئاتا قىلىدىكەن.

  سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېنىق بولۇشى ‹‹ئادەمسىز دۇكان››لارغا يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئاتا قىلىدۇ

  تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى ئادەمسىز مەشغۇلات مۇلازىمىتى ئاساسلىقى تۆت چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەمسىز پارچە سېتىش تۈرى: قولايلىق مال جازىسى، ئادەمسىز سېتىش ماشىنىسى ۋە ئادەمسىز قولايلىق دۇكان قاتارلىقلاردىن؛ كۆڭۈل ئېچىش تۈرى: كىچىك KTV، قونچاق قىسىش ماشىنىسى (بالىلار ماشىنىسى) ۋە سۈرەت پىرىنتېرى قاتارلىقلاردىن؛ تۇرمۇش تۈرى: مۇلازىمەتچىسىز ماشىنا يۇيۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ئىشكاپى قاتارلىقلاردىن؛ ساغلاملىق تۈرى: تاللا چېنىقىش ئورۇنلىرى، ئادەمسىز ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن. بۇ مۇلازىمەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىكەن.

  يېقىندا سۇنىڭ شىركىتى تۇنجى ئادەمسىز قولايلىق دۇكاننى شاڭخەيدە كۆرگەزمە قىلدى. شاڭخەي سۇنىڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فەن جىجۈن مۇنداق دەيدۇ: ئادەمسىز قولايلىق دۇكانلار ئاللىقاچان ئۇقۇم باسقۇچىدىن ئەمەلىي تىجارەت شەكلىدىكى سودا ئەندىزىسى باسقۇچىغا كىرىپ بولدى.

  بۇ يىل ‹‹قوش 11›› ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتىنى تېزلىتىش مەزگىلىدە، ‹‹ئادەمسىز قولايلىق دۇكان››لارمۇ ئوخشاشلا ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بەس – بەستە نامايان قىلىدىغان بىر چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەسىلەن: جىڭدۇڭ قارىمىقىدىكى ئادەمسىز تاللا بازىرى، ئادەمسىز قولايلىق دۇكان، ئادەمسىز ئىسكىلات، ئادەمسىز يۈك ئاپتوموبىلى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق پەن – تېخنىكىلار بەس – بەستە مەيدانغا چىقتى. جىڭدۇڭنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ چياڭدۇڭنىڭ قارىشىچە، پارچە سېتىش كەسپى ‹‹4 – قېتىملىق پارچە سېتىش ئىنقىلابى››نى كۈتۈۋېلىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، پارچە سېتىش ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ ئەۋرىشىم، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھەم تېخىمۇ ماسلاشقان بولىدىكەن.

  جۇڭگو مال ئوبوروتى تور سىستېمىسى ئىشلىرى بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ دۇڭخۇانىڭ قارىشىچە، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېنىق بولۇشى ئادەمسىز قولايلىق دۇكانلارنى يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىدىكەن. ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېڭى پارچە سېتىش ئىستېمالچىلارنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت ۋە تەسىراتقا تېخىمۇ بەكرەك مايىل بولىدىكەن.

  ئۈچ ئامىل رەقەملىك سودا ئەندىزىسى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ

  رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئادەمسىز ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ يۈكسىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مايكىنسېي (Mckinsey) خەلقئارالىق تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا شاڭخەيدە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو ئاللىقاچان يەر شارى رەقەملىك پەن – تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ھازىرقى سودا مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ كەسىپ قىممەت زەنجىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقماقتا ئىكەن. بۇ جۇڭگونىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولۇپ قالىدۇ.

  مايكىنسېي (Mckinsey) خەلقئارالىق تەتقىقات ئورنىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ غايەت زور رەقەملەشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈچ ئامىلغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدىكەن: بىرىنچىسى، جۇڭگونىڭ بازار كۆلىمى زور، تور ئەھلىنىڭ سانى كۆپ ھەم بىرقەدەر ياش بولۇپ، بۇ رەقەملىك سودا ئەندىزىسىنىڭ تېزدىن بازارلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن؛ ئىككىنچىسى، جۇڭگودا رەقەملەشكەن كاتتا باشلامچى ماگناتلاردىن بىرنەچچىسى بارلىققا كېلىپلا قالماستىن يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭىيىۋاتقان رەقەملىك ئېكولوگىيەلىك سىستېما بارلىققا كېلىۋېتىپتۇ؛ ئۈچىنچىسى، ھۆكۈمەت رەقەملەشكەن كارخانىلارنى، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىغا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىستېمالچىلىرىنى يېتەرلىك سىناق بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئۇزاقتىن بۇيان بەزى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئۈنۈمى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەچكە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كېتەلمىدى، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئىستېمالچىلار ئېھتىياجىنىڭ ئارقىدا قالدى. ئەمما رەقەملەشكەن دەۋردە ئادەمسىز ئىقتىساد قولايلىق ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

  كاپىتال ئادەمسىز ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، ئادەمسىز ئىقتىساد نۆۋەتتە ھەرقايسى كەسىپلەردىكى كاپىتاللار قاتتىق قوغلىشىدىغان مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپ قالدى. كەسپىي ساھەدىكى تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ھازىر تەخمىنەن 138 ئادەمسىز پارچە سېتىش كارخانىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 57 سى ئېرىشكەن ئومۇمىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل، ماشىنا ئادەم، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى كەسپىي ساھەگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى

  گەرچە نۆۋەتتە ئادەمسىز ئىقتىسادنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى نۆۋەتتىكى زور كۆلەملىك سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىشتە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن: تېخنىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەندىزىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەم تۇرغۇزۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ساۋ لېي مۇنداق دەيدۇ: ھازىر ئادەمسىز پارچە سېتىش تېخنىكىسى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، دۇكاندىكى مەلۇم بىر تەرتىپتە مەسىلە كۆرۈلسە، پۈتكۈل سىستېما ۋەيران بولۇپ كېتىشى، ئادەمسىز پارچە سېتىش نورمال يۈرۈشمەسلىكى مۇمكىن.

  ئىستېمال سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي سىرنى قوغداش مەسىلىسىمۇ ئىستېمالچىلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلىرىنى كارخانىلار ئىگىلىگەن بولغاچقا، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان تور بېكىتى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەلىرى كەسپىي ساھەگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرمەكتە.

  ۋاڭ دۇڭخۇا مۇنداق دەيدۇ: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز قولايلىق دۇكانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ۋە رەسمىي سودىدا ئىشلىتىلىشىگە يەنە مەلۇم بىر مەزگىللىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئۇچۇرلىشىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش يۆنىلىشىگە مېڭىشى ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بەردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دەيدۇ: سودا مىنىستىرلىقى ئادەمسىز پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە ‹‹پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تېخنىكا يېڭىلاش رامكىسى›› ۋە تېخنىكا قوللىنىش تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىشى ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  (خەنزۇچە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دىن ئېلىندى)

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ