تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك يىغىن بولۇپ، ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا بۇرالغانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسىي يۆنىلىشى، ئاساسىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولىدىغان نەزەرىيە جەۋھىرى، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىققا تەتبىقلاشنىڭ ئىدراكىي يىغىنچاقلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولدى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىللىقى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. بىرىنچى، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش كېرەك. زور خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خېيىم – خەتىرى، پۇل مۇئامىلە خېيىم – خەتىرى، مۇھىت ئاسراش خېيىم – خەتىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىزىل سىزىقنى قاتتىق ساقلاش كېرەك؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2020 – يىلى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ھەقىقىي مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قەرەللىك ھۆكۈم چىقىرىپ ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. يىغىندا راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا، ياخشى قەدەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ