تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغلىق كەنتكە كەلگەن يېڭى مېھمانلار

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

  12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ياغقان قېلىن قار تۈپەيلىدىن پىل كەنتىگە بارىدىغان يول ئۇزىراپ كەتكەندەك بىلىندى. ئالتە سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچى مەمەتمۇيات تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ لىن ۋە باشقا ئىككى سودىيە بۇ يەردە تۇرۇۋاتاتتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىر – ساقچىلار قار – مۇز قاپلىغان تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ، مارياڭ يېزىسىنىڭ پىل كەنتىگە كېلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە، بۇ يەردىكى 96 ئائىلىلىك دېھقان – چارۋىچىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇلار تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش جەريانىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونا قاراشتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭى قاراشقا ئىگە قىلدى.

  ‹‹كېسەل بولسا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك››

  ئىشىكتىن كىرىشىمگە، ئوچاقتىكى يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ تەپتى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى. مەمەتمۇيات تۇرسۇننىڭ خوتۇنى ئىززەتمەڭ چىنتۆمۈر قاچا يۇيۇپ، چاي قۇيۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مەمەتمۇيات تۇرسۇننىڭ 17 ياشلىق كېلىشكەن ئىنىسى ھاجىبېك تۇرسۇن ئوچاققا ئوتۇن قالاۋاتاتتى.

  ـــ ئىنىم تولۇقسىز 3 – يىللىققا چىققاندا نېرۋىسىدا ئازراق مەسىلە كۆرۈلگەچكە، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلدۇق. ئۇ ناھايىتى مۇلايىم، بەزى ئىشلارنى ئۆزى قول سېلىپ قىلالايدۇ، ــ مەمەتمۇيات تۇرسۇن بۇلارنى ماڭا ئېيتىۋېتىپ، ئاكىسى مېڭ لىنغا قاراپ قويدى.

  ـــ ئېيتقىنا، ھاجىبېكنى قاچان دوختۇرخانىغا ئاپىرىسەن؟ يەنە تېخى خوتۇنۇڭنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئۆردەك تۇخۇمىدەك چوڭىيىپ كېتىپتۇ، ئۆسمە سەندە بولمىغاندىكىن، ئاغرىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن – دە، ــ دەپ سورىدى مېڭ لىن.

  ـــ بۇ ئىش بېكىتىلدى، كەنتنىڭ ماڭا ئۇقتۇرۇشىچە، ئەتە يېزىدىن ناھىيەگە بارىدىغان ئاپتوموبىل بار ئىكەن، سەھەردە ھاجىبېك بىلەن ئىززەتمەڭنى كېسەل كۆرسەتكىلى ئېلىپ بارىمەن! ــ دەپ جىددىيلەشكىنىچە چۈشەندۈردى مەمەتمۇيات تۇرسۇن، ئادەتتە سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان ئېرىنىڭ مېڭ لىن ئاكىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىدەك تەمتىرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىززەتمەڭ ئاغزىنى تۇتقىنىچە پىخىلداپ كۈلۈۋەتتى.

  ئىززەتمەڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ دېسەم، ئۇ ناھىيە تارقىتىپ بەرگەن كىچىك دورا ساندۇقىنى ئەكېلىپ بېرەتتى، شۇڭا كېسىلىم كەينىگە سۆرۈلۈپ كەتتى.

  مېڭ لىن مۇنداق دېدى: قالاق ئىدىيە ۋە قاتناش چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدە كېسەل بولغاندا دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، بەزىلىرى چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، بەزىلىرى ئۆسۈملۈك دورىلارنى تەييارلاپ يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالىنىدۇ.

  ئىككىنچى كۈنى سەھەردە تاڭ يورۇمايلا ئىززەتمەڭ ئوچاققا ئالدىراش ئوت قالىۋېدى، ئۆيمۇ تېزلا ئىسسىدى، بىر چەينەك ئەتكەنچاينىڭ ھىدىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، تاغلىق كەنتتىكى يېڭى بىر كۈن يەنە باشلاندى.

  مېڭ لىن قايتىدىغان چاغدا مەمەتمۇيات تۇرسۇنغا كېسەل كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى قايتا تاپىلىدى، مەمەتمۇيات تۇرسۇن بېشىنى لىڭشىتىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئاكا، ھازىر ئىدىيەمدىن ئۆتتى، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار توغرا ئىكەن، ھازىر يولمۇ ياسالدى، ئائىلىمىزنىڭ شارائىتىمۇ ياخشىلاندى، داۋالىنىش سىياسىتىمۇ شۇنداق ياخشى، شۇڭا كېسەل بولساق دوختۇرخانىغا بېرىشىمىز كېرەك ئىكەن››. مېڭ لىن مەمەتمۇيات تۇرسۇننىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان چېھرىگە قارىغىنىچە، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ كۈلۈمسىرىدى.

  ‹‹كىچىك سۇمۇرغۇم تاغ ھالقىسا دەيمەن››

  12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتە سىفات ھۆكۈمەتخاننىڭ ئۆيىدە 17 ياشلىق زىيادەم سىفات جىمجىت ئولتۇراتتى، ‹‹مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى، لېكىن بۇ يىل قەشقەر 6 – ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دادام قويلارنى باقىدىغان ئادەم يوق دەپ...›› دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا.

  قەشقەردىكى ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى زىيادەمنىڭ قەلبىدە زامانىۋى شەھەرنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغانىدى. بىراق ھازىر ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغانىدى.

  ـــ يەنە ئىككى بالام مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئەگەر چوڭ قىزىم يەنە ئوقۇيمەن دېسە، ئائىلىمىزگە چۈشىدىغان ئىقتىسادىي بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە تاماق ئېتىدىغان، قوي باقىدىغان ئادەم يوق... ــ دېدى سىفات تام تۈۋىدە ئولتۇرغان زىيادەمگە قاراپ.

  قانۇن ساقچىسى ئىسلام مەمەدامان سىفاتنىڭ قارىشىغا قوشۇلمىدى.

  ــ قانداق بېسىم ئىكەن ئۇ؟ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان يېڭى ئۆيۈڭگە، بالىلىرىڭنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇشىغا پۇل خەجلىمەيسەن، كالا، قوي باقساڭ، يەر تېرىساڭ ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىۋاتىدۇ، ئۇنداق ئەمەسمۇ – يا؟ ــ دېدى ئىسلام مەمەدامان. سىفات بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زۇۋان سۈرەلمەي قالدى.

  مېڭ لىن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە زىيادەمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئائىلىسىگە ئانچە ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ قىسمەن خىراجىتىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتە ئوقۇشقا ئانچە كۆپ تۇرمۇش خىراجىتى كەتمەيدۇ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن دېسە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرالىسا، پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ـــ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قاتماللىقىدا. بۇ تاغلىق كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، بالىلىرىنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ پادا بېقىش، تاماق ئېتىشتەك ئىشلارغا سېلىشقا رازىكى، بالىلىرىنىڭ تاغلىق كەنتتىن چىقىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سىفاتنىڭ تۇغقىنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىلۇڭ بۇ ئۆيگە بىرقانچە قېتىم كەلدى، تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى باشلانغاندىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى بىرنەچچە كادىر سىفات بىلەن زىيادەمنىڭ ئويىنى بىلىپ بېقىشقا تىرىشتى. ۋاڭ شىلۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىنى تېشىۋېتەيلا دەپ قالدۇق، بۇ قىزنى يەنە بىر يىل تەكرار ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسۇن، دېگەن تەكلىپنى بەردۇق، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قىزنىڭ تاغلىق كەنتتە قېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمىز.

  كۆپچىلىك ھەر كۈنى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇڭداشتى، گەپ تېمىسى زىيادەمنىڭ داۋاملىق ئوقۇش ئىشىدىن چەتنىمىدى، كادىرلار نۆۋەت بىلەن سىفاتقا نەسىھەت قىلدى. ئۇلار زىيادەمنىڭ تاغلىق كەنتتىن بالدۇرراق چىقىپ پەرۋاز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشتى.

  كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى بىلەن 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خۇشخەۋەر كېلىپ، سىفاتنىڭ ئاخىر ئىدىيەسىدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولدى. سىفات مۇنداق دېدى: سىلەر شۇنچە كۆپ ئادەم قىزىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇردۇڭلار، مەن ئاتا تۇرۇپ يەنە قوشۇلماي تۇرۇۋالسام ئادەمگەرچىلىككە يات ئىش بولغۇدەك، مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنى قىزىمنى قەشقەرگە ئاپىرىپ، يەنە بىر يىل قايتا ئوقۇتىمەن، مېنىڭ كىچىك سۇمۇرغۇم بۇ تاغلىق كەنتتىن ئۇچۇپ چىقىپ پەرۋاز قىلسۇن!

  دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان زىيادەمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  ‹‹پادا باققاندىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ياخشى ئىكەن››

  12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتە ئەجدا نىيازخوجانىڭ يېڭى ئۆيىگە كىرگىنىمدە، ئۇ سۇپىدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئىكەن، رەتلىك تىزىلغان گۈللۈك كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە دېرىزىدىن كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، ئۆي ئىچىدىن دىمىقىمغا ئىللىق پۇراق ئۇرۇلدى.

  ئەجدا نىيازخوجانىڭ ئۈچ بالىسى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا ئۆيگە قايتىپ پادا بېقىۋاتاتتى. بۇ يىل سودىيە مىرزايىق ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، بالىلارنى سىرتقا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەجدا نىيازخوجانىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئوتتۇرانچى قىزى چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ نەچچە مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلى ئالغاندىن كېيىن، ئەجدا نىيازخوجانىڭ قولى پۇل كۆردى، شۇنىڭ بىلەن كەنجى قىزىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە قارشى چىقمىدى. ھازىر ئۇ ئۇچرىغانلىكى كىشىگە: ئۆيدە پادا باققاندىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ياخشى ئىكەن، دەيدىغان بولدى.

  ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلاردىن يەنە كەنت ئاھالىسى دىستۇچا ئابدۇللاخانمۇ بار. ئۇنىڭ ئوغلى توي قىلغان بولسىمۇ، بىراق دىستۇچا ئابدۇللاخان ئوغلىنى ئۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتكۈزمەيتتى.

  قانۇن ساقچىسى ئىسلام مۇسا دىستۇچا ئابدۇللاخانغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: بىر قوينى 500 يۈەن دەپ ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا ئون قوي ساتسىڭىز، كۆپ بولغاندا 6000 يۈەن پۇل تاپالايسىز، بىراق ئوغلىڭىز سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە، ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن تاپالايدۇ، بىر يىلدا قانچىلىك تاپالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باقسىڭىز بولىدۇ... بۇ، ھەم ئەقىلگە سىغىدىغان، ھەم ئېنىق قائىدە بولۇپ، موماي كۆڭلىدە ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكىدەك جاھىللىق قىلمىدى. ئىسلام مۇسا تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ناھىيەدىن ئاپتوموبىل يۇيۇش خىزمىتى تېپىپ، دىستۇچا ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلىنى ناھىيەدە ئايدا 3000 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

  دىستۇچا ئابدۇللاخاننىڭ 33 ياشلىق جىيەنى ئىززەتشۇ شىرشۇ مۇنداق دېدى: خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرلىرى كەلگەندىن كېيىن، كىچىك ئاپامغا سىرتتىكى نۇرغۇن ئىشلار ۋە تۈرلۈك سىياسەتلەرنى سۆزلەپ بەردى، ھەتتا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىدىغان چېغىمىزدىمۇ خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى كادىرلارنىڭ كۆچۈشۈپ بېرىدىغىنىنىمۇ دېدىم، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كىچىك ئاپامنىڭ ئىدىيەسى ئازاد بولدى. ئىككى بالام يەسلىدە تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، مۇشۇ كۈنلەردە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرلىرى بىز بىلەن كېچە – كۈندۈز بىللە تۇرۇپ، كىچىك ئاپامنىڭ بىر قارارغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، بالىلىرىم ياخشى ۋاقىتتا تۇغۇلدى، ھەرقانچە جاپا چەكسەممۇ ئۇلارنى سىرتقا چىقىرىمەن، ئۇلار ماڭا ئوخشاش بىر ئۆمۈر قوي بېقىپ، يەر تېرىپلا ئۆتۈپ كەتمىسۇن!

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شادىمان ئاخۇنباي مۇنداق دېدى: ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى سىرت بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقە قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ بەزى كۆزقاراشلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش قىيىنغا چۈشتى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىر – ساقچىلىرى تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگەتتى... ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كادىرلارغا بولغان ئىشەنچىسىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، كادىرلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان بولدى، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى كۆزقاراشلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا تەدرىجىي نامايان بولۇشقا باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ