ئەگەر مەلۇم بىر ناخشىچىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىشى 1 مىليونغا يەتسە، 1 مىليوندىن كېيىنكى 1 – پىلاستىنكا ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› دەپ ئاتىلىدۇ.
‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› ناخشىچىغا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت بولۇپ، ناخشىچىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئالتۇننىڭ قىممىتىدە سۈپەتلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ناھايىتى ئاز ساندىكى پىلاستىنكىلارنىڭلا بۇ چەككە يېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا›› ئالتۇندىن ياسالغان بولماستىن، بەلكى پىلاستىنكىنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەت ئالتۇن يالىتىلغان بولىدۇ. ئەگەر ناخشىچىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 200 مىليوندىن ئاشسا، 200 مىليوندىن كېيىنكى 1 – پىلاستىنكىسى ‹‹ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا›› دەپ ئاتىلىدۇ. تۇنجى ‹‹ئالتۇن پىلاستىنكا››غا 1942 – يىلى گلېن. مىللېر ئېرىشكەن، تۇنجى ‹‹ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا››غا 1960 – يىلى 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئامېرىكىلىق خاللىي. لىللىس ئېرىشكەن.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان