شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 14-دېكابىر سەھەردىن باشلاپ ياغقان قار 16-دېكابىرغىچە داۋاملاشتى، يەرنى پەقەت نېپىز بىر قەۋەت قار قاپلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، 17-دېكابىرغىچە يىغىلغان قار قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىرغا يەتتى.
ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە، ئۆتكەن بىرقانچە كۈندە تېمپېراتۇرا ئىزچىل تۆۋەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 16-دېكابىر كۈندۈزدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13- تىن تۆۋەن بولدى. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە مەركىزىي شەھەردە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10- ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5- ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، سۇ پارى شارائىتىدىن قارىغاندا، قاردىن كېيىن يەرگە يېقىن قەۋەتتە سۇ پارى تولۇقلانغان بولۇپ، بۇ تۇمانلىشىشقا شارائىت ھازىرلىغان. لېكىن يېقىندا ياغقان قار قۇرغاق قارغا تەۋە بولۇپ، تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپ ئەمەس ئىكەن ھەمدە قار يېغىش جەريانىدا ھاۋادا ئەسلىدە لەيلەپ يۈرگەن سۇ پارلىرى يەرگە چۈشكەن، شۇڭا كەلگۈسى نەچچە كۈندە گەرچە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ھازىرقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە مەركىزىي شەھەردە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن سىرت، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاينىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا بۇلۇتلۇق، بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچلۈك بولمايدىكەن.