تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن–تاشقويۇن بولۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزدىن ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

  ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تەشكىللىك يولغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىپ بېرىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئەلرايىنى ئۇتۇپ، كۈچ توپلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى: پائالىيەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى، خادىملارنى تولۇق قاپلاش تەلىپىگە ئاساسەن، پائالىيەتنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تۈزدى. نازارەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرىغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ھەممەيلەن قاتنىشىش، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ياردەم بېرىش، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، ئەمگەكتە ياردەم قىلىش، تۇغقانلار مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى سىڭىشىشنى كۈچەيتىش، جەم بولۇش تامىقى يېيىش، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپە بويىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش جەريانىنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مول ۋە خىلمۇخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن باردى – كەلدى قىلىپ، جەم بولۇپ، پاراڭلىشىپ، پاراڭلىشىش جەريانىدا ھېسسىياتنى چىڭىتىپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى: تۇنجى تۈركۈمدىكى 103 كادىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە باردى

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى 103 كادىر 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت نۇقتىسىغا باردى. كۆپچىلىك تۇغقانلىرىغا سوۋغات ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئالغاچ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتى. ئۇلار كەلگۈسى بىر ھەپتىدە يۇرتداشلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى يىغىننىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى جىددىي تۈزۈپ، نازارەت سىستېمىسىدا ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  مۇھىت تەسىرىنى باھالاش باشقارمىسىدىن 2016 – يىلى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى رېن گاڭجۈ كەنتكە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر ھەپتىدە تۇغقانلىرىم بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن.

  كۆزىتىش – مەمۇرىي تەپتىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ مىڭجۈن مۇنداق دېدى: يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، مەن تۇغقىنىمنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇنى ناھىيەگە ئېلىپ بېرىپ، بىللە بازار ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى تۇغقىنىمغا يەتكۈزۈپ، تۇغقىنىمنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇردى. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىر تۈركۈمگە نازارەت رەھبەرلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يېزىلارغا ئۆزلىشىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە يېتەكلەيدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر مېھىر – مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى، بۇ مۇھىم خىزمەتنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى:مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى سىنلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تېزدىن پارتگۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە تۇنجى تۈركۈمدە قاتناشقان 45 خادىم 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى پويىزغا ئولتۇرۇپ گۇما ناھىيەسىگە يۈرۈپ كەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ يەنجياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۈتۈن سىستېمىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر مېھىر – مۇھەببىتى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش بولۇپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تاماقتا ۋە يېتىپ – قوپۇشتا بىللە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تۇغقانلاشقىلى بارغان ھەر بىر يولداش بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنۇشى، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ياخشى ئىستىلى بىلەن پائالىيەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ سىستېمىسى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ سىستېمىسى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىنى يىغىپ، سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزاسى يېتەكچىلىكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى خادىملار 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى كەچ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 145 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى ۋە تېببىي خادىم 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئەتىگەندە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۇغقانلىرىم بىلەن يۈزتۇرا سىردىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر تۇغقىنىمغا يەتكۈزىمەن.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 100 كادىر، ئوقۇتقۇچى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مېھىر – مۇھەببىتىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ پائالىيەتكە ئاتلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئېتىز قىرلىرىغىچە بېرىپ ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىغا چاچىمىز. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يەنە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدىكى يەتتە كەنتتە يەتتە ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، جاۋ شىيا، جاۋجۈن، ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ ۋېيتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ