تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرايلى

  ــــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى

  12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا 4 – قېتىملىق دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى سادىر قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بىگۇناھ قازا قىلغانلار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەم مىللىي قەھرىمانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېدى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك يۈرەك يارىسى. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلىدى، كۆپچىلىك مەۋقەنى خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، قازا قىلغان قېرىنداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش داۋامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى مۇجەسسەملەپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت قەتئىي ئېتىقادى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ‹‹قۇياش ئاي خىرەلەشتى، يەر – زېمىن تىترىدى››. 80 يىل ئۆتۈپ كەتتى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ مىلتىق ئاۋازى تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرىدا كۆمۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭخۇامېن سېپىلىدىكى ئوق ئىزلىرىنى ھېلىھەم ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لېي ۋېي تېلېۋىزوردىن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: تارىخ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا ئۆزگەرمەيدۇ. بىز ھەربىر جۇڭگولۇق بۇ ئېچىنىشلىق تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ ئار – نومۇسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەش داۋامىدا مىللىي تونۇش تۇيغۇسىنى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئازاب – ئوقۇبەتلىك تارىخ ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق قايتا ئويلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاشتىكى مەنىۋى كۆرەك بولۇپ، ئۆتمۈشتىكى خورلۇق ۋە ئازاب – ئوقۇبەتنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى مۇجەسسەملەيدۇ. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس، ئوبلاستلىق ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى يۈرەكنى تىترەتتى، ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى يەنە بىر قېتىم ياڭرىغاندا جۇڭگو تارىخىدىكى ئاشۇ ئەڭ ئېغىر دەقىقىلەرنى ئەسلىدۇق. بىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، ۋەتىنىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى رازىيە قۇربان مۇنداق دېدى: ئۇرۇش ئىس – تۈتەكلىرى تارقالغان بولسىمۇ، ئازاب – ئوقۇبەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى بىزگە تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماي، تىنچلىقنى قەدىرلىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، ‹‹ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزساقلا، دۆلىتىمىزنى باشقىلار بوزەك قىلالمايدۇ››، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۈچەيتسەك، تىنچلىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز كېرەك.

  نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى دۆلەت خاتىرىسىگە پۈتۈشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ ئۆچمەنلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئاق كۆڭۈل كىشىنى تىنچلىققا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنى چىڭ ساقلاشقا چاقىرىش ئۈچۈندۇر. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋۇ دۇڭ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن دۆلەت نامى بىلەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردۇق، بۇ ئېچىنىشلىق تارىخنى ئەسلىشىمىز مەڭگۈ ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ ساۋىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. يېڭى دەۋردىكى يېڭى ياشلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زىممىمىزدىكى بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىسەكلا دۆلەتنى گۈللەندۈرەلەيمىز، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  تارىخنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاش كېرەك. توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىسىنىڭ كادىرى شەرىپەم روزى تېلېۋىزوردىن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تارىخنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن تىرىشقىلى بولىدۇ. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى مۇساپىدە بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭ، گاۋ ۋا، شى شىن، لى ياڭ، مېھرىگۈل ناسىر، پىراكتىكانت ياڭ جيەنرۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، گۇڭ شىجيې، چېن چۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ