تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى كاپالەتلەندۈردى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋىرى

  ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇۋاتقان 75 ياشلىق سۈي گۈيلەن يۇقىرى قان بېسىم، قەنت كېسىلى قاتارلىق بىر نەچچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانىدى، يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغاچقا، ئۇزاق ۋاقىت سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ بۇ يىل 6 – ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا تۇنجى بولۇپ قۇرغان داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزىدە داۋالاش – قۇتقۇزۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قارىغۇچىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. سۈي گۈيلەن ئاپتونوم رايون يولغا قويغان داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىدىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى.

  داۋالاش بىلەن كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلدى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىنىڭ چىداۋان دوختۇرخانا رايونىدا بۇ يىل 5 – ئايدا داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ مەركەز ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ياشانغانلار كېسەللىرىنى كەسپىي داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى.

  11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سائەت 11دە، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمىگە كەلدىم. ‹‹شەرق قىزاردى، كۈن چىقتى ...›› سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يېجيەننىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدە، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بەزى بوۋاي – مومايلار ناخشا ئېيتىش، پۇت – قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تىل، تونۇش ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى.

  ۋاڭ يېجيەن مۇنداق دېدى: بۇ بۆلۈمدە ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش، ئوزۇقلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىنغان بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلارنى ئولتۇرالايدىغان، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغانلارنى تۇرالايدىغان، ماڭالمايدىغانلارنى ماڭالايدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمىز.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزى ياشانغانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ياشانغانلارنى كۈتۈش رايونى (تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلار)، ياشانغانلارنى داۋالاش – پەرۋىش قىلىش رايونى (تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن يېرىم چىقالايدىغانلار)، ياشانغانلارنى ئالاھىدە داۋالاش – پەرۋىش قىلىش رايونى(تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ھەرىكەت ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدارىدىن قالغانلار)، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش – داۋالاش رايونى ۋە تىنچ داۋالاش كېسەلخانىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، ھەرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ مەركەز يەنە ياشانغانلارنىڭ كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، ھەرىكىتى قولايسىز بولۇش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرقانچە بۆلۈمنىڭ دوختۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، دىياگنوز قويۇپ، ئۇلارنى كۆپ خىل داۋالاش ۋە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بويىچە ‹‹بىر كۆزنەك››لىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن.

  بۇ مەركەزنىڭ ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ شۆلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئاغرىقلارنىڭ كېسەل ئەھۋالى، ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردۇق ھەم ئۇلارغا ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، ساغلاملىق يېتەكچىسى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسى ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنى سەپلەپ، كەسپىي پەرۋىش قىلىش ئەترىتى ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق، بەزى ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە ‹‹ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدىغان كېسەلخانا›› تەسىس قىلىپ، ‹‹دوختۇرخانىغا كىرگەنلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئادەم بولۇش، رەسمىيەتنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولىدىغان ئادەم بولۇش، كېسەلخانىدىن چىققاندا ئۇزىتىپ قويىدىغان ئادەم بولۇش››تىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك پەرۋىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق.

  داۋالاش بىلەن كۈتۈش زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاغرىقلار غەمدىن خالاس قىلىندى

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزىدە ياشانغانلار كېسەللىرى بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى، ياشانغانلار يۈرەك، قان تومۇرى كېسەللىرى بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈم، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەر باشلامچىلىق بىلەن ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭشەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىس، ياشانغانلار كېسەللىرى ئىلمىنىڭ باشلامچىسى، مۇدىر شۆ چىڭنى تەكلىپ قىلىپ، ئاغرىقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  96 ياشلىق تاڭ جيەنجۇڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش›› ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇراتتى، ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەچكە، ساناتورىيەدىكىلەر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلەشكەنىدى، دوختۇرخانا دەرھال ‹‹120›› جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزىگە ئېلىپ كېلىپ داۋالىدى. تاڭ جيەنجۇڭ بۇ يەردە داۋالاش بىلەن كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇپ، خەتەردىن قۇتۇلدى.

  بۇ مەركەز بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 42 ياشانغانلار ساناتورىيەسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېشىل يول ئاچتى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ شۇجىسى جياڭ شياۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى داۋالاش بىلەن كۈتۈش ئايرىۋېتىلگەچكە، ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىكى ياشانغانلارنىڭ يېنىك كېسەللىرى ۋاقتىدا داۋالىتىلماي، ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، ئېغىر ئاغرىقلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنمەي ياكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارىۋىتى يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھازىر چوڭ دوختۇرخانىلار تەشەببۇسكار ھالدا ياشانغانلار ساناتورىيەسى بىلەن ‹‹قول تۇتۇشۇپ››، ‹‹دوختۇرخانا بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسى ھەمكارلىقى ئىتتىپاقى››نى قۇرۇپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈردى ھەم كىچىك كۆلەمدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدە ‹‹دوختۇر ۋە پەرۋىش خادىمى بولماسلىق››تەك قىيىنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بىز يەنە ئىتتىپاق تۈزگەن ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە داۋالاش خادىملىرىنى قەرەللىك ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ياشانغانلارنى خالىس كېسەل كۆرۈش، سەييارە كېسەل كۆرۈش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي پەرۋىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، ئېغىر ئاغرىقلارنى دوختۇرخانىمىزغا ئېلىپ كېلىپ داۋالاپ، ياشانغان ئاغرىقلارنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق، سىجىل داۋالاش، كۈتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.

  داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدىنىش

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ياشانغانلارنىڭ %90 ى ئائىلىدە، %7ى مەھەللىدە، %3ى كۈتۈش ئاپپاراتلىرىدا كۈتۈنۈۋېتىپتۇ. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنى ئاپپاراتلاردا كۈتۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  جياڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە 1000 كارىۋاتلىق زامانىۋىلاشقان، باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالاھىدە كېسەلخانا تەسىس قىلىپ، ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك›› مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان، ئائىلىۋىلەشكەن، قولاي كېسەلخانا بەرپا قىلىپ، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، كۈتۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پەرۋىش كەسپى بويىچە تەربىيەلەش ‹‹بەش بىر گەۋدە›› قىلىنغان يېڭى تىپتىكى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ساغلاملىق كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك پىلان. ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ.

  ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ئائىلىدە ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈۋاتقان %97 ياشانغان كىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بۇ بىر تۈركۈم ياشانغان كىشىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. ۋاڭ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار توردا ۋە تور سىرتىدا كېلىشىش ئارقىلىق ئاھالىلەر ساغلاملىقى بۇلۇت APP سى، ئۈندىدار توپى قاتارلىقلاردا پەرزەنتلىرىنىڭ ياردىمىدە توردا كېسەل كۆرسىتىش، توردا رېتسېپ يازغۇزۇش، يېقىن ئەتراپتىن دورا ئېلىش، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش قاتارلىق داۋالىنىش مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپپاراتلاردا كۈتۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈتۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇشىنى، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى ياشانغانلارنى كۈتۈش، داۋالاش، ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلار بىرگەۋدە قىلىنغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى قۇرىدىكەن، بۇ مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاغرىقلارنى 1800 كارىۋات بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ كۈتۈش مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ