تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي، ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <تۆت خاھىش>نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، <ئوننى ياخشىلاش>، <ئونغا يول قويماسلىق>نى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتىن باشلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى›› تۈزۈلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەنە ‹‹شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە توغرا كېلىدۇ›› دېگەن ماقالە توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويماسلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك، جايلار ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى تېز يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللىشى، مۇزاكىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ‹‹تۆت خاھىش›› جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نىڭ يوشۇرۇن، ئۆزگەرگەن مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىشقا يول قويماسلىق، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، ‹‹مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئىشنى كەينىگە سۈرۈش››كە يول قويماسلىق، خىزمەتنى ياخشىلاپ، ‹‹پەردازلاش››قا يول قويماسلىق، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە يول قويماسلىق، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاپ، قۇرۇق گەپ سېتىشقا يول قويماسلىق، تەدبىر بەلگىلەشنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشقا يول قويماسلىق، سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىشقا يول قويماسلىق، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىققا يول قويماسلىق، نازارەت قىلىشنى ياخشىلاپ، ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىققا يول قويماسلىق، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولۇشقا يول قويماسلىق كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىرمۇ بىر تۇتۇپ، ئىشنى بىرمۇ بىر قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئامما نازارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەدىكىلەرنىڭ خەلق ئويلىغاننى ئويلىشى، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ