تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش يېڭى مەنزىرىسىگە نەزەر

شې شۆخۇڭ

     ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىلى ۋادىسى ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان ماي بوياق رەسىمدەك رەڭدار، گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىگە لىرىك، شېئىرىي تۇيغۇ بېرىدۇ. غۇلجا ناھىيەسىدىكى توغراسۇ يايلىقىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى، قورغاس ناھىيەسىدىكى يوپۇرماقلىرى پىشىپ قىپقىزىل رەڭگە كىرگەن ئېرەنلىك مەنزىرىسى، ناراتنىڭ كۈز مەنزىرىسى... مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، قورغاس پورتىدىمۇ ساياھەت قىزغىنلىقى ئوت كەبى يالقۇنجايدۇ...
     پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكى راۋاجلىنىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىشنىڭ يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.
     بۇ يىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت تەرەققىياتىدا ‹‹بىر مەركەز، ئۈچ مەنزىرە بەلبېغى، ئۈچ ئۆمەك تەشكىللەش ئەۋزەللىكى، سەككىز يىغىلىش – تارقىتىش بازىسى، دۇنيا دەرىجىلىك 12 ئېسىل ساياھەت مەنزىرە رايونى، 24 شەخسىي ئاپتوموبىللىق ساياھەت لاگېرى، 22 ئۆزگىچە ساياھەت بازىرى، بىر قانچە ئېسىل لىنىيە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.
     بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 21 مىليون 83 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.02 ئاشتى، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 21 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.4 ئاشتى.پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

     گۈل سەيلىسىدىن مەنزىرە سەيلىسىگىچە، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن خەلقنى بېيىتىشقىچە، سەھرا ساياھىتىدىن قىشلىق ساياھەتكىچە...

      غۇلجا ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، باھار، ياز، كۈز، قىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.  
      بۇ يىل غۇلجا ناھىيەسى توغراسۇ يايلىقىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 420 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يول، كۈتۈۋېلىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.
غۇلجا ناھىيەسى ئۇدا سەككىز يىل ‹‹شىنجاڭ.غۇلجا ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى›› ئۆتكۈزدى. ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم ۋە ساياھەتچىلەر سانى يىلدىن – يىلغا كۆپەيدى، ئۆرۈك يۇرتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ يىلدىن – يىلغا ئۆسۈپ، ‹‹ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى›› غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپ، ئاۋامنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ھەر يىلى 4 – ئايدىكى ‹‹ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى››دا پۈتۈن ئەل غۇلجا ناھىيەسىگە قاراپ سەلدەك ئاقىدىغان قاينام – تاشقىنلىققا تولغان ھەيۋەتلىك مەنزىرە بارلىققا كېلىدىغان بولدى.
     بۇ يىل غۇلجا ناھىيەسى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتتىن ئىبارەت ئىككى نام كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئېچىش، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك بازىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىرگە ئايلاندۇردى. بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە غۇلجا ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 760مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.1 ئاشتى. ساياھەتچىلىك كىرىمى 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.3 ئېشىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
     غۇلجا ناھىيەسىدە سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇنىڭ ماكانى بولغان ئاق قۇ بۇلاق بار. ھەر يىلى قىش كىرىشى بىلەن 200 گە يېقىن ئاق قۇ بۇ جايغا كېلىپ قىشلايدۇ. ئاق قۇ كۆرۈش سەيلىسى ساياھەتچىلەر ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بۇ يىل ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا كۆتۈرۈلدى. بۇ ناھىيە بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا 85 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنى دېھقانلار ئارامگاھى ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشقا ئاساس سېلىپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى كوزىر مەھسۇلاتىنى تىرىشىپ ياراتماقچى.
    غۇلجا ناھىيەسى يېزا – كەنت ئېسىل ساياھەتچىلىك كەسپىنى يارىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كەنت (كوچا) بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق يۆلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق قورۇمىلىرى، داڭلىق يېمەكلىكلىرىنى باھالاش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى بويىچە كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ناھىيەدىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، دېھقان  – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى.
     ھازىرغىچە، غۇلجا ناھىيەسى 175 دېھقانلار ئارامگاھىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1200دىن كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تىجارەت كىرىمىنى 80 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 200 يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
    قورغاس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خوۋ دېلۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇش، ئۈچ چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بەش تۈرلۈك ھەرىكەتنى يولغا قويۇش، ساياھەت بايلىقى مول قورغاس ناھىيەسىنى ساغلام، تېز تەرەققىيات يولىغا باشلاپ، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش  قورغاس ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي موتورىغا ئايلاندى.
     قورغاس ناھىيەسى ھۆكۈمەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىركەتلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، قورغاس ناھىيەلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، كۈرە قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، جۇڭخۇا فۇشۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى، قاراياغاچ جىلغىسى قۇملۇق مەنزىرە رايونى، كەڭساي – سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۇنىۋېرسال ساياھەتچىلىك گۇرۇھى ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى. ھازىر قورغاس ناھىيەسىدە 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، 2A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، قورغاس ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئەڭ كۆپ ناھىيە بولۇپ قالدى.
      قورغاس ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويدى. ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىناق نۇقتىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان دېھقانلار ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھىدىن 26 نى قۇرۇپ، 200 دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 100 نامرات ئاھالىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. بۇ يىل قورغاس ناھىيەسى ساياھەتچىلىك بويىچە 5000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان 1200 ئىش ئورنى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، 3000 كىشىنى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

     ساياھەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى بېيىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى

      ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر  – ناھىيەلەر ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر –  ناھىيەلەرنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
     غۇلجا ناھىيەسى بۇ يىل يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ساياھەت ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ساياھەت ئىستېمال بوشلۇقى ۋە تاللىشىنى كۆپەيتىپ، ناھىيەنىڭ ساياھەت تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلىدى. بۇ ناھىيە مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغراسۇ يايلىقى مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. ساياھەتچىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق، سانائەت، مەدەنىيەت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى كەسىپلىرى بىلەن بولغان يوغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. بىر تۈركۈم ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى ۋە شەھەر ئىقتىسادى ‹‹ئورتاق پايدا ئالىدىغان›› تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.
      قورغاس ناھىيەسى بۇ يىل 320 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كۈرە قەدىمىي شەھىرى، توكەي قۇملۇقى، جۇڭخۇا فۇشۇشەن تېغى ۋە كەڭساي – سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جۇڭخۇا فۇشۇشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى پۈتتى.
      قورغاس ناھىيەسى بۇ يىل 8 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، 2 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ قىسمەن ساياھەت كۆرسەتمە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى 50 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ ئىككى 2 – دەرىجىلىك يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭىدىن ئۈچ ھاجەتخانا سالدى، تۆت ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتتى. پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى دەم ئېلىش ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت كۆرسەتمە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، ساياھەت قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ساياھەت مەنزىرە يولى قۇرۇلۇشى، ساياھەت ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە قۇرۇلۇشى، شەخسىي ئاپتوموبىللىق ساياھەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى، مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئون چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى.
      ھازىر ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە  – شەھەرلەردە 4A دەرىجىلىك، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇش پىلانلانغان ئورۇندىن 18 ى بار. كۈيتۈن شەھىرىنىڭ جىنشيۇ ئۆرپ – ئادەت باغچىسى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شوربۇلاق ھاراق مەدەنىيىتى كوچىسى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ توكەي قۇملۇق مەنزىرە رايونى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ سەككىز رەم باغچىسى قاتارلىق بەش 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى ئۈلگە رايونى، مىللىي مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك رايونى، نۇقتىلىق يېزا – كەنت ساياھىتى ئۈلگە رايونى، شۇنداقلا ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. ‹‹ئالتە چوڭ›› ئەۋزەل مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ياخشى تۈزۈپ، باشلامچى مەنزىرە رايونى، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتى، نىلقا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى ساغلاملىق – كۈتۈنۈش ساياھىتىنى سىناپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستى يەنە ‹‹ئالاقە تورى +›› نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت يىرىك پىلانى ۋە تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى. ئەنئەنىۋى ساياھەت بىلەن زامانىۋى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بۇلۇت ھېسابلىغۇچ، كۆچمە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنىڭ ياردىمىدە ساياھەتچىلەرنى ساياھەت يېتەكچىسى، زىيارەت يېتەكچىلىكى، مال سېتىۋېلىش ۋە يول باشلاش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.  
       ئىلى ئوبلاستى ‹‹ساياھەت +›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى، كۆرگەزمە ساياھىتى، ساغلاملىق – كۈتۈنۈش ساياھىتى، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتى، سانائەت ساياھىتى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلەرنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ساياھەتچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ