ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە مەنىۋىي خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئۈرۈمچى سايباغ رايونى گۇچۇڭ يولىدىكى دېخۇي ۋەندا مەيدانىدىمۇ يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، كېلەر يىلى 28-يانۋار رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 7-دېكابىر شىنجاڭ دېخۇي ئوقەتچىلىك گورۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر ئۇنىۋېرىسال قۇرۇلمىسى __ دېخۇي ۋەندا مەيدانىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، كېلەر يىلى 28-يانۋار تىجارەت باشلاش پىلانلانغان، بۇ مەيداننىڭ تىجارەت باشلىشى كىشىلەرنى 3000 دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دېخۇي ۋەندا مەيدانى تۈرىگە 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 135 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى زامانىۋىي ئۇنىۋېرىسال بازار ئىكەن.