«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 30-دېكابىر ئاممىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: چۆچەك شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرىدىكى ئەرگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش كىچىك ئەترىتىدىن تۆتنى تەشكىللەپ، كەنت تەۋەلىكىدىكى 258 ئائىلىگە قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى. ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.