ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرگۈچىسى ئەخمەتجان مەمەت
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىلمىسە، مۇقىملىق بولمايدۇ؛ پەردە ئارقىسىدىكىلەر تارتىپ چىقىلمىسا، خەۋپ – خەتەرنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
مەن ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتا – ئانام پارتىيە ئەزاسى، ئۇلار كىچىكىمدىنلا ماڭا پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئاتا – ئانامنىڭ ئۈلگە بولۇشى، ئۇستازلىرىمنىڭ تەربىيەسى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە تەربىيەسىدە، مەن كىچىكىمدىنلا ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ، پارتىيەگە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت باغلىدىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە، مەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، كومپارتىيە بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم بولمىغان بولاتتى؛ كومپارتىيە بولمىغان بولسا، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن؛ پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جەزمەن ئالاھىدە ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەنقىدلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشقا باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.
‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايىتى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەر مىللەت خەلققە كەلتۈرگەن زور زىيىنى ئالدىدا، ھەرگىز قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز، بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز، پوزىتسىيەدە سۇس، ھەرىكەتتە پاسسىپ بولماسلىقىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى – تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، بىرلىكتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى پاش قىلىپ، رەزىل سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. تەشۋىقات، تەربىيە ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.
پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، جەزمەن كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.